پاكىستان ھۆكۈمىتى «خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادى كارىدورى» نى تىرىلدۈرۈشكە ئالدىرىماقتا
2024.06.05
پاكىستاندىكى «شەپەق» گېزىتىنىڭ 3-ئىيۇندىكى ئوبزور ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، قەشقەردىن پاكىستاندىكى گۋادار پورتىغا قەدەر سوزۇلىدىغان «خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادى كارىدورى» قۇرۇلۇشى يېقىنقى يىللاردا مەبلەغنىڭ توختاپ قېلىشى تۈپەيلىدىن سۇغا چىلىشىپ قېلىشقا يۈزلەنگەن. پاكىستان باش مىنىستىرى شاھباز شەرىف (Shehbaz Sharif) نىڭ خىتاي زىيارىتى مەزگىلىدە بۇ قۇرۇلۇشنىڭ قايتىدىن راۋاج تېپىشىغا يول تېپىش ھەققىدىكى ئۈمىدلەر ھەرقايسى ئاخباراتلاردىن كەڭ يەر ئالغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، 2024-يىلى ماي ئېيىدا مۇئاۋىن باش مىنىستىر ئىسھاق دار (Ishaq Dar) بېيجىڭغا زىيارەتكە بارغاندا ئىككى تەرەپ سۆھبىتىدىكى مەركىزىي تېما مەزكۇر قۇرۇلۇشنى قانداق قىلغاندا قايتىدىن جانلاندۇرۇش مەسىلىسى بولغان. بولۇپمۇ مەبلەغ مەسىلىسىدىكى كەمچىللىك، خىتاي ئىشچىلىرى دۇچ كېلىۋاتقان تېررورلۇق ھۇجۇملىرى قاتارلىق ئامىللار تۈپەيلىدىن كۆپلىگەن تۈرلەر بىر ئىزدا توختاپ قالغان. شۇ قېتىملىق زىيارەتتىن كېيىن ئىسھاق دار بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «بىز بۇ مەسىلىدە ئارزۇ قىلغان نىشانلىرىمىزنىڭ كۆپ قىسمىغا يەتتۇق» دېگەن.
2015-يىلى باشلانغان ھەمدە 62 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سېلىش پىلانلانغان «خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادى كارىدورى» دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ زور قىيىنچىلىقلاردىن بىرى بىخەتەرلىك ئامىلى بولۇپ، باش مىنىستىر شاھباز شەرىفنىڭ بۇ قېتىمقى بېيجىڭ سەپىرىدە مۇشۇ مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلىش مۇمكىنلىكى ئالغا سۈرۈلمەكتە. يەنە كېلىپ بۇ قۇرۇلۇشنىڭ داۋام قىلىش-قىلماسلىقى پاكىستاننىڭ توختاپ قېلىۋاتقان ئىقتىسادى ئۈچۈن ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغان بولغاچقا بۇ ھەقتە خىتاي ئاخباراتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا شاھباز شەرىف ئۆزىنىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرىدە «نۇرغۇنلىغان كاتتا پىلانلارنىڭ بارلىقىنى، بۇ پىلانلارنىڭ ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇقنى ھىمالايا تېغىدىنمۇ بۈيۈك، ئوكياندىنمۇ چوڭقۇر قىلىش رولىنى ئوينايدىغانلىقىنى» تەكىتلىگەن.
ئەمما «ئەل جەزىرە» نىڭ 3-ئىيۇندىكى مۇلاھىزە ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، شاھباز شەرىفنىڭ قانداق تەسۋىرلىشىدىن قەتئىينەزەر «خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادى كارىدورى» خىتاي نۆۋەتتە زور كۈچ بىلەن ئىجرا قىلىۋاتقان «بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشى» نىڭ ئاچقۇچلۇق قىسمى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ نامدا ھەر خىل يوللار، كۆۋرۈكلەر ۋە پورتلار ئارقىلىق قەدىمكى يىپەك يولىنى قايتىدىن جانلاندۇرىدۇ، دېيىلسىمۇ ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ئۆز تەسىرىنى دۇنياغا كېڭەيتىش ئۇرۇنۇشىنىڭ پاراۋۇزى بولۇپ، پاكىستانغا ئوخشاش نامرات دۆلەتلەرنى تېخىمۇ كۆپ قەرز پاتقىقىغا پاتۇرۇشنى كۆزلەيدىكەن.