خىتاينىڭ JH-7 تىپلىق ئىككى بومباردىمانچى ئايروپىلانى بىلەن پاكىستاننىڭ JF-17 تىپلىق ئىككى كۈرەشچى ئايروپىلانى تۈنۈگۈن ئۈرۈمچى ئاسمىنىدا بىرلەشمە ھەربىي مەشىق ئۆتكۈزگەن.
ئىگىلىنىشىچە، پاكىستاننىڭ ئىككى دانە كۈرەشچى ئايروپىلانى خىتاي ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ھەربىي بازىدىن قوزغىلىپ، خىتاي بومباردىمانچى ئايروپىلانلىرى بىلەن بىرلىكتەمەشققە قاتناشقان.
«يەرشارى ۋاقىت گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي بىلەن پاكىستان كۈرەشچى ئايروپىلانلىرىنىڭ ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بۇ بىرلەشمە ھەربىي مەشىقى 8-سېنتەبىر كۈنى باشلىنىپ، 27-سېنتەبىر كۈنى ئاياغلىشىدىغان «شاھىن-6» بىرلەشمە ھەربىي مەشىقىنىڭ قارمىقىدا ئېلىپ بېرىلغان ئىكەن.
خىتاي قوراللىق قىسىملىرى تېخى ئالدىنقى ھەپتە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۈرۈمچى، قەشقەر، ئاقسۇ ۋە غۇلجا قاتارلىق جايلىرىدا بىرلا ۋاقىتتا «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەربىي مانېۋىرى» ئۆتكۈزگەن ئىدى. 12-سېنتەبىر ئاياغلاشقان ئۈچ كۈنلۈك بۇ ھەربىي مانېۋىرغا 10 مىڭدىن ئارتۇق قوراللىق ساقچىنىڭ قاتناشقانلىقى مەلۇم. بۇنىڭدىن سىرت خىتاي دائىرىلىرى يەنە ئۇيغۇر ئېلىدىكى 17 شەھەردە 9-ئاينىڭ 18-كۈنى ئەتىگەن سائەت 10:00 دا ھاۋا مۇداپىئەسى سىگنالىنى سىناق تەرىقىسىدە ياڭرىتىش مەشىقى ئېلىپ بارغان ئىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئارقىمۇ-ئارقا ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇنداق جىددىي ھالەت مەشىقلىرى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. ئۇلار، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېيجىڭدا ئېچىلىدىغان 19-قۇرۇلتاي ئالدىدا ئۇيغۇرلارنىڭ يۈرىكىنى يەنە بىر قېتىم قاتتىق مۇجۇش شۇنداقلا بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى خەلقئارا «تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇش» قېلىپىغا سالماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.