خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىدىغانلىقى مەلۇم

خىتاي پاكىستانغا مەبلەغ سېلىپ باشلىغان خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورىنىڭ پاكىستاندىكى بىر قىسىم مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ھىندىستاندىن چىقىدىغان «ئىقتىساد ۋاقىت گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ھەقتىكى بىر تەتقىقاتنى باش شتابى بىريۇسسېلغا جايلاشقان گائاگا ئىستراتېگىيىلىك تەتقىقاتلار مەركىزى ئېلىپ بارغان.

ئۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورى پاكىستاندىكى بالۇچىستان ۋە گىلگىت قاتارلىق دەتالاشتىكى تېررىتورىيەلەردىن ئۆتىدىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ رايونغا ياسىلىۋاتقان يۇقىرى سۈرەتلىك تاش يوللار رايوندىكى خەلقلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا ئېغىر دەخلى تەرز قىلىپلا قالماي، رايوننىڭ ئېكولوگىيىسىگە چەكسىز دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ كېلىدىكەن.

خەۋەردە نەقىل قىلىشىچە، تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئانالىزچىسى ۋىللەم ئوستەۋەل بېسىۋېلىنغان رايونلارغا بەزى قۇرۇلۇشلارنى قىلىشنى چەكلەيدىغان قانۇنلارنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەرگە قارىغاندا، خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورى قۇرۇلۇشى يەرلىك خەلقلەرنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا مەجبۇرىي ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولغاچقا، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ كۈچلۈك ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان.

خەۋەردە نەقىل قىلىشىچە، گېرمانىيەلىك پائالىيەتچى كلاۋدىيا ھەيلبەرگ مۇنداق دېگەن: خىتاي بىر يول بىر بەلۋاغ ئىستراتېگىيىسى ئارقىلىق ئاسىيادىن ئافرىقىغا ۋە ياۋروپاغىچە بولغان ئارىلىقتا ئىستراتېگىيىلىك ئورۇن ئىگىلەپ دۇنياۋى كۈچ قازانماقچى بولۇۋاتىدۇ. دېموكراتىك مۇددىئا ۋە دۇنياۋى ئەركىن سودا ئۇلار يەتمەكچى بولغان نىشان ئەمەس. دېگەن.

خەۋەردە باشقا تەتقىقاتچىلارنىڭ ئېيتقانلىرىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، ئۇلار بىردەك پاكىستان مەزكۇر كارىدۇر قۇرۇلۇشىنى زوراۋانلىق بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، بۇ جەرياندا پاكىستان ئارمىيىسى باشچىلىقىدىكى كۆچىلەر بۇ رايونلاردىكى كىشىلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى كەڭ كۆلەملىك دەپسەندە قىلىشقا باشلىغان.

خىتاي 45 مىليارد دوللار مەبلەغ سالغان مەزكۇر ئىقتىسادىي كارىدۇر قۇرۇلۇشى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەشقەر شەھىرىنى پاكىستاننىڭ گۋادار پورتىغا تاشيول، تۆمۈريول ۋە نېفىت تۇرۇبا لىنىيىسى بىلەن تۇتاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان زور كۆلەملىك ئېنېرگىيە تورىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

«بېلۇجى مىللىي ھەرىكىتى» تەشكىلاتى ئىلگىرى خىتاي ۋە پاكىستان كۈچلىرىنىڭ بۇ ئىقتىسادىي كارىدور سەۋەبلىك بېلۇجى خەلقىگە سېلىۋاتقان زىيانكەشلىكلىرىنى دۇنيا جامائىتىگە بىلدۈرۈش ھەرىكىتىنى باشلىغان.