دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، قۇرۇلتاينىڭ 8-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى ئېچىلىش ئالدىدا قۇرۇلتاي ئەزالىرى، خىزمەتچىلىرى ۋە ۋەكىللىرىنىڭ مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە تەھدىت ۋە خىرىسلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئومۇمىي كېڭەشنىڭ يېقىنلىشىشى بىلەن بۇنداق ۋەقەلەرنىڭ كۆلەم جەھەتتە كېڭىيىپ، مۇرەككەپلىك دەرىجىسىنىڭ ئارتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
18-ئۆكتەبىر كۈنى ئېلان قىلىنغان باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇنداق تەھدىتلەر خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك قۇرۇلتاي يىغىنىنى بىكار قىلىش ھەققىدىكى تەھدىتى ھەمدە يەنە خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق رەئىسى دولقۇن ئەيسانى سارايېۋودىكى مەزگىلىدە قولغا ئالدۇرۇش، خىتاي بىلەن بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا ئوتتۇرىسىدىكى ئۆتكۈزۈپ بېرىش شەرتنامىسىنى پەش قىلىپ تۇرۇپ، يىغىن قاتناشقۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكى مەسىلىسى ھەققىدە قورقۇنچ ۋە ئېنىقسىزلىق پەيدا قىلىش ھەمدە يەنە قەستەن ماشىنا ۋەقەسى پەيدا قىلىپ، جىسمانىي زىيان يەتكۈزۈش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
قۇرۇلتاينىڭ باياناتىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتايدىن ھەرخىل يوللار ئارقىلىق كېلىۋاتقان تەھدىتلەر ئارىسىدا يەنە، ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىدا قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىش، يىغىنغا قەستەن ئادەم ئەۋەتىپ جېدەل تېرىش، قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىش، ھەتتا يىغىن مەزگىلىدە توك تەمىنلەشنى ئۈزۈۋېتىش قاتارلىقلارمۇ بار ئىكەن. بۇندىن باشقا يەنە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئەزالىرى ۋە بۇ قېتىملىق نامزاتلارغا يۇرتلىرىدىكى ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ئارقىلىق بېسىم ئىشلىتىپ، ئۇلارنى نامزاتلىقتىن ۋە ئەزالىقتىن چېكىنىشكە قىستاشتەك ئەھۋاللار كۆرۈلگەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتىدا مۇنداق دېيىلگەن:
«دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا قارىتىلغان بۇ تەشكىللىك ھۇجۇملار قۇرۇلتاينى ھەمدە ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى يىغىنىنى قالايمىقانلاشتۇرۇشنى، ئۇيغۇر جامائىتىنى قورقۇتۇش ۋە ئۇلارنىڭ ئاۋازىنى جىمىقتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان. خىتاينىڭ ئوچۇق-ئاشكارا دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشى ھېسابلىنىدىغان بۇ ھەرىكەتلىرى چوقۇم ئەيىبلىنىشى كېرەك.»
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇ باياناتىدا، قۇرۇلتاينىڭ بۇنداق تەھدىتلەرگە باش ئەگمەيدىغانلىقى ۋە ۋەكىللەر يىغىنىنى پىلان بويىچە ئېچىۋېرىدىغانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە يەنە، خەتەرنى ئازايتىش ۋە يىغىنغا قاتناشقۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن مۇھىم تەدبىرلەرنى قوللىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ھەر ئۈچ يىلدا بىر قېتىم چاقىرىلىدىغان ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ 8-نۆۋەتلىك يىغىنى بۇ يىل بوسنىيە گىرىتسىگوۋىنىدا ئۆتكۈزۈلۈش ئالدىدا تۇرماقتا. بۇ مۇھىم يىغىلىشتا تەشكىلاتنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىنى سايلاش، ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم نۇقتىلارنى بەلگىلەش ۋە خەلقئارالىق مۇنبەرلەردە ئۇيغۇر داۋاسىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئۈنۈملۈك ئۇسۇللارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، جۈملىدىن ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ھەل قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن.