خىتاي پاراخوتلىرى تالاش-تارتىشتىكى سېنكاكۇ ئاراللىرى رايونىغا كىرگەن
2018.01.07
ياپونىيەنىڭ دۆلەتلىك كۈندىلىك گېزىتى «ماينىچى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە يەكشەنبە كۈنى ئەتىگەندە خىتاينىڭ تۆت دېڭىز ساقچى پاراخوتى ياپونىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدا تالاش-تارتىشتا تۇرۇۋاتقان سېنكاكۇ ئاراللىرىغا يېقىن ياپونىيە دېڭىز تەۋەسىگە كىرگەن.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تەرەپ مەزكۇر 4 ساقچى پاراخوتىنىڭ خىتاي دېڭىز ساقچى پاراخوت ئەترىتىگە مەنسۇپ ئىكەنلىكى ۋە ئۇلارنىڭ بۇ يىل تۇنجى قېتىم خىتاينىڭ دياۋيۈ ئاراللىرى رايونىدا چارلاش ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ياپونىيە تەرەپ بۇ پاراخوتلارنىڭ بىرىگە زېنىت پىلىموت ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى ۋە بۇ پاراخوتلارنىڭ ياپونىيە دېڭىز تەۋەسىدە بىر يېرىم سائەت چارلاپ، قايتىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئەمما، ھازىرچە ياپونىيە تەرەپنىڭ بۇنىڭغا قارىتا رەسمىي ئىنكاسى مەلۇم ئەمەس.
خىتاينىڭ بۇ قېتىملىق سېنكاكۇ ئاراللىرىنى رايونىدا چارلاش ئېلىپ بېرىش ھەرىكىتى ئۆتكەن ھەپتە توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن يېڭى يىل مۇراسىمىدا ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې 2018-يىلى ياپونىيە-خىتاي تىنچلىق ۋە دوستلۇق شەرتنامىسى ئىمزالانغانلىقىغا 40 يىل توشىدىغانلىقى، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ياخشىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن يۈز بەرگەن.
ياپونلار سېنكاكۇ، خىتاي دياۋيۈ ئاراللىرى دەپ ئاتاۋاتقان شەرقىي دېڭىزدىكى مەزكۇر ئاراللار مەسىلىسى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ سوغۇقلىشىشىدىكى مۇھىم ئامىللار قاتارىدا سانىلىپ كېلىنمەكتە.