خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەڭ چوڭ جاسۇسلىق ئورگانى بولغان دۆلەت خەۋپسىزلىكى نازارىتىنىڭ نازىرى تيەن يوڭنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەپتىش مەھكىمىسى پارتكومىنىڭ سېكرىتارى قىلىپ يۆتكىگەن. خىتاينىڭ بۇ ئورۇنلاشتۇرۇشتا قانداق ئامىللارنى كۆزدا تۇتقانلىقى ئېنىق بولمىسىمۇ، بىراق ۋەزىپە ئالماشتۇرۇشنىڭ خەلقئارادا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» جىنايىتىنى جاۋابكارلىققا تارتىش چۇقانلىرى كۈنسېرى كۈچىيىتاتقان بىر ۋاقىتتا يۈز بېرىشى دىققەت قوزغىماقتا.
«شىنجاڭ خەۋەرلىرى» تورىنىڭ ئاشكارلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت خەۋپسىزلىكى نازارىتىنىڭ پارتكوم سېكرىتارى ۋە نازىرى تيەن يوڭ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ پارتكوم سېكرىتارلىقىغا يۆتكەلگەن.
خەۋەردە تيەن يوڭنىڭ كونكىرېت قاچان بۇ ۋەزىپىگە يۆتكەلگەنلىكى ئېيتىلمىغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت خەۋپسىزلىكى نازارىتىنىڭ نازىرى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە «سىڭىپ كىرىشكە، ئاغدۇرمىچىلىققا، بۆلگۈنچىلىككە، خۇراپاتلىققا ۋە تېرورلۇققا قارشى كۈرەشنى چوڭقۇرلاشتۇرغانلىقى» تەكىتلەنگەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئۇ يېقىندا يەركەن ناھىيەسىدە تەكشۈرۈشتە بولغاندىمۇ 6 نۇقتىلىق تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ بۇ 6 نۇقتىنىڭ بىرىنچىسىدە «باش نىشاننى چۆرىدەپ، ئومۇمىي ئىجتىمائىي ۋەزىيەتنىڭ مۇقىم بولۇشىنى قوغداش» نى تەلەپ قىلغان ئىكەن.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇنىدا رايوندىكى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى لاگېردىكى تۇتقۇنلارنى تەكشۈرۈش ۋە بىر تەرەپ قىلىشقا قارىتىلغان ئىكەن. كۆزەتكۈچىلەر، بۇ مەزگىل ئىچىدە ئون مىڭلىغان ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ قانۇنىي رەسمىيەتسىز جازالانغانلىقى، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ جىنايىتىنى يوشۇرۇشنىڭ پېيىغا چۈشكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، تيەن يوڭنىڭ بۇ ۋەزپىگە قويۇلۇشى شۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.