خىتاي دائىرىلىرى پاسپورتنى سىياسىي قورال سۈپىتىدە ئىشلەتمەكتە

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ پاسپورتنى خىتاي بولمىغان مىللەتلەرگىلا ئەمەس، بەلكى خىتاي ئۆكتىچىلىرىگىمۇ سىياسىي قورال سۈپىتىدە ئىشلىتىۋاتقانلىقى مەلۇم.

«نيۇ - يورك ۋاقىت گېزىتى» دە خەۋەر قىلىشىچە، بۇ يىل 79 ياشقا كىرگەن شەندۇڭلۇق سابىق ئىقتىسادى پەنلەر پروفېسسورى سۇن ۋېنگۇاڭ ئۆز كىتابىدا خىتاينىڭ كوممۇنىست تۈزۈمىگە تەنقىدىي پىكىر بەرگەنلىكى ئۈچۈن، ھازىرغىچە پاسپورتقا ئېرىشەلمىگەن.

ئۆتكەن يىلى پۈتۈن خىتاي بويىچە چەتئەلگە ساياھەتكە چىققانلا سانى 83 مىليون ئادەم قېتىمغا يەتكەن بولسىمۇ، سۇن ئەپەندى ئامېرىكىدىكى قىزى ۋە تەيۋەندىكى 90 ياشلىق ئاكىسىنى كۆرۈشكە مۇۋەپپەق بولالمىغان.

خەۋەردە نەقىل قىلىشىچە، ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ: ھۆكۈمەتنىڭ ماڭا پىكىر باشقىچە. مەن ئۆزۈمنى خۇددى قەپەستە ياشاۋاتقاندەك ھېس قىلىمەن، دېگەن.

خەۋەردە خىتاي پاسپورت چەكلىمىسىنىڭ، ھەربىي خادىملار، ھەتتا پاسپورت بېجىرىش خىزمىتىنى قىلىدىغان ساقچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەۋپسىزلىك خادىملىرىغىمۇ قارىتىلىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

خەۋەردە يەنە بۇ خىل چەكلىمىلەرنىڭ، ئادۋوكات، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىگە تەنقىدىي پىكىر بەرگۈچىلەر، تىبەتلەر ۋە ئۇيغۇرلارغىمۇ يۈرگۈزۈلگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

خەۋەرگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى پاسپورت چەكلىمىسى قويۇلغان كىشىلەرنىڭ تىزىمىنى ئېلان قىلمىغان بولسىمۇ، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بۇ خىل چەكلىمىلەرنىڭ تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 14 مىليون ئادەمگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان پاسپورت سىياسىتىنى ئەيىبلىگەن مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىسى ئاتىكەم روزىنىمۇ خىتاي يەرلىك ساقچىلىرى تۇتۇپ كەتكەن ئىدى.