خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب ئەللىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن بۇلغانغان پاختا مەھسۇلاتلىرىغا قويغان قاتتىق ئېمبارگوسىدىن قۇتۇلۇش، خەلقئارا پاختا بازىرىنىڭ يوچۇقلىرىنى ئېچىش ئۈچۈن، تۈرلۈك ئامال-چارىلەرنى ئىزدەشكە باشلىغان.
خىتاينىڭ «سانجى گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا سانجى شەھىرىدە 2023-يىلى ئۇيغۇر رايونىدا يۇقىرى سۈپەتلىك پاختا ئىشلەپچىقىرىشنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن، مەخسۇس مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ قېتىملىق يىغىنغا خىتاينىڭ پەن-تېخنىكا، سانائەت ۋە يېزا-ئىگىلىك ساھەلىرىدىكى مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتچىلار ۋە مۇتەخەسسىسلەر نەق مەيدان ھەم تور ئارقىلىق قاتناشقان.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، خەلقئارا پاختا بازىرىنى تەھلىل قىلىش ۋە ئۇيغۇر رايونىدا يۇقىرى سۈپەتلىك پاختا ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈش مۇھىم نۇقتا قىلىنغان بۇ يىغىندا، خىتاي مۇتەخەسسىسلىرى پاختا ئىشلەپچىقىرىشتىكى كونا تېخنىكىلارنى يېڭىلاش، كۆلەمنى تېخىمۇ كېڭەيتىش، ئادەم كۈچىسىز دېھقانچىلىق مەيدانى قۇرۇش ۋە ئەلا سۈپەتلىك پاختا ئىشلەپچىقىرىشتەك بىرقانچە نىشاننى مۇھاكىمە قىلغان.
خىتاينىڭ «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ ئەڭ يېقىنقى خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى، بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر رايونىدىكى كېۋەزلىكلەرنى «سۈنئىي ئەقىل» ئارقىلىق باشقۇرۇپ، مەھسۇلات ئۈنۈمىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ئۇرۇنسا؛ يەنە بىر تەرەپتىن خەلقئارا پاختا بازىرىنى ئانالىز قىلىپ، پاختا مەھسۇلاتلىرىنى قانداق قىلىپ خەلقئارا بازارغا كەڭ-كۆلەمدە كىرگۈزۈشنىڭ يوچۇقلىرىنى ئىزدەشكە باشلىغان.
خىتاينىڭ «ئەلا سۈپەتلىك پاختا ئىشلەپچىقىرىش» ۋە «خەلقئارا پاختا بازىرىنى تەھلىل قىلىش» توغرىسىدىكى بۇ مەخسۇس يىغىنى، خىتاينىڭ ئامېرىكانى ئاساس قىلغان غەرب ئەللىرىگە قىلىۋاتقان پاختا مەھسۇلاتلىرى ئېكىسپورتى قاتتىق زەربىگە ئۇچراۋاتقان، بولۇپمۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» دىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، خىتاينىڭ پاختا مەھسۇلاتلىرىنى ئامېرىكا تاموژناسىدا تۇتۇپ قېلىۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئېچىلغان.
خىتاي دائىرىلىرى ئامېرىكا باشلىق غەرب ئەللىرىنىڭ ئېمبارگوسىدىن قېچىش ئۈچۈن، ئۇيغۇر رايونىدا ئىشلەپچىقىرىلغان پاختا مەھسۇلاتلىرىنى ۋىيېتنام، تايلاند قاتارلىق شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىگە چىقىرىپ، «ئۈچىنچى دۆلەت» ئارقىلىق غەرب بازارلىرىغا ئېكىسپورت قىلىشقا ئۇرۇنغان ئىدى. ھالبۇكى، رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ ئۆتكەن ھەپتىدىكى خەۋىرىدە، ئامېرىكانىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەش قانۇنى ئارقىلىق «شىنجاڭ پاختىسى» نى خام ئەشيا قىلىپ كىيىم-كېچەك ئىشلەپچىقىرىۋاتقان ۋىيېتنام كارخانىلىرىغا زەربە بەرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.