75 پىرسەنتتىن ئارتۇق چەتئەل مەبلىغى خىتاي پاي چېكى بازىرىدىن چېكىندى

خىتاي پاي چېكى بازىرى چەتئەل مەبلىغىنىڭ چېكىنىش ۋەزىيىتىگە دۇچ كەلگەن بولۇپ، خىتاي پاي چېكىگە سېلىنغان 75 پىرسەنتتىن كۆپرەك چەتئەل مەبلىغىنىڭ خىتايدىن ئايرىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. ئەنگلىيەدىكى «مالىيە ۋاقتى» گېزىتىنىڭ 20-نويابىردىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يەتتە ئېيىدا خىتاي پاي چېكى بازىرىغا ئېقىپ كىرگەن چەتئەل مەبلىغىنىڭ تۆتتىن ئۈچ قىسمىدىن كۆپرەكى خىتايدىن چىقىپ كەتكەن. بۇ خەۋەر بەزى ئانالىزچىلار ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىنى ئىنتايىن كەسكىن بولسىمۇ، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ سان-فىرانسىسكودا پىرېزىدېنت بايدىن بىلەن كۆرۈشۈپ، بەزى مەسىلىلەردە ئورتاق پىكىر ھاسىل قىلىشىدا خىتاي ئىقتىسادى دۇچ كەلگەن خىرىسنىڭ تۈرتكىلىك رول ئوينىغانلىقىنى قەيت قىلىشىۋاتقان بىر ۋاقىتتا تارقالدى.

«مالىيە ۋاقتى» گېزىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئىقتىسادقا بولغان ئىشەنچىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تىرىشىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن چەتئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلار خىتاي پاي بازىرىدىكى 25 مىليارد دوللارلىق پاي چېكىنى سېتىپ خىتايدىن ئايرىلغان. بۇ، 2023-يىلنىڭ دەسلەپكى يەتتە ئېيىدا خىتاي پاي بازىرىغا سېلىنغان مەبلەغنىڭ 75 پىرسەنتىدىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلىدىكەن. «مالىيە ۋاقتى» گېزىتىنىڭ ئېيتىشىچە، سودىگەرلەر ۋە ئانالىزچىلار خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ ئىقتىسادنى جانلاندۇرۇشتا «كۈچلۈك سىياسەت يۈرگۈزەلمەسلىكى چەتئەل مەبلەغ سالغۇچىلىرىنىڭ، خىتاي بازىرىنىڭ رىقابەت كۈچى ئەسلىگە كەلگۈچە ئۇنىڭ پاي چېكىنى سېتىۋېلىشنى توختاتقانلىقى» نى ئېيتقان.

2023-يىلى 1-ئايدىن باشلاپ چەتئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلار خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» سىياسىتىدىن ۋاز كېچىپ خىتايدىكى قامالنى ئومۇميۈزلۈك بىكار قىلىشىدىن كېيىن، خىتاي پاي چەكلىرىنى كۆپلەپ سېتىۋېلىشقا باشلىغان. 2022-يىلى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلار ئولتۇرۇشلۇق بىر بىنادا ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ نۇرغۇن ئۇيغۇرنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشى، خىتاينىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا يۇقۇم قامىلىغا قارشى ئومۇميۈزلۈك نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ پارتلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. نەتىجىدە خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ بېسىمىدا قامالنى بىكار قىلغان ئىدى. «مالىيە ۋاقتى» گېزىتىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ئۆي-مۈلۈك بازىرىدىكى ئوبوروت كىرىزىسى ۋە خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئۆسۈش نىسبىتىدىكى ئۈمىدسىزلىك چەتئەللىكلەرنىڭ پاي چېكىنى قولدىن چىقىرىشىغا تۈرتكە بولغان مۇھىم ئامىللار ھېسابلىنىدىكەن.