جىم كرايمېر: «خىتاينىڭ پاي چەكلىرىگە ھەرگىزمۇ يېقىن كەلگۈلۈك ئەمەس!»

ئامېرىكا پاي چېكى بازىرى ھەققىدىكى ئىقتىسادىي مۇلاھىزىدە كۆزگە كۆرۈنگەن پۇل-مۇئامىلە ئانالىزچىسى جىم كرايمېر يېقىندا CNBC تېلېۋىزىيەسىنىڭ خىتاي پاي چەكلىرى ھەققىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ «مەن ھېچكىمگە خىتاي پاي چەكلىرىنى سېتىۋېلىشنى تەۋسىيە قىلمايمەن. ئۇلارنىڭ پاي چەكلىرىگە ھەرگىزمۇ يېقىن كەلگۈلۈك ئەمەس» دېگەن.

5-يانۋاردىكى ۋىدىيو زىيارىتىدە جىم كرايمېر بۇ ھەقتە توختىلىپ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ كاپىتالىزمنى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىنى، شۇنداقلا بۇنداق بىر دىكتاتورنىڭ قول ئاستىدىكى دۆلەتنىڭ پاي چەكلىرىدە ھېچقانداق ئىشەنچ بولمايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. ئۇ بۇ ھەقتىكى سۆزلەرنى بەزى ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ خىتاي پاي چېكى بازىرىغا مەبلەغ سېلىپ قوشلاپ پايدا ئالغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرگە باھا بەرگەندە قىلغان. شۇنداقلا بەزىلەرنىڭ «ئالى بابا»، «بەيدۇ» قاتارلىق خىتاي پاي چەكلىرىنى ئېلىپ باي بولغانلىقىغا قاراپلا خىتاي پاي چەكلىرىگە شۆلگەي ئېقىتىشنىڭ ئەخمەقلىق بولىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.

بۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان سۆزنى «زايوم پادىشاھى» لەقەملىك مەبلەغ سالغۇچى جېففېرىي گۇندلاكمۇ قىلغان بولۇپ؛ «خىتايغا مەبلەغ سېلىشقا بولمايدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئۇچۇرلىرى يالغان. ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىدىمۇ ئىشەنچ يوق. خىتايغا سالغان مەبلىغىڭىز بىر كېچىدىلا مۇسادىرە قىلىنىپ كېتىشى مۇمكىن» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ يىرىكلىشىپ مېڭىشى مۇقىملىشىپ قېلىۋاتقاندا خىتايغا مەبلەغ سېلىش ياكى خىتاينىڭ نيو-يورك پاي چېكى بازىرىدىكى پايلىرىنى سېتىۋېلىش ھەققىدە كۆپلىگەن مۇنازىرىلەر ئوتتۇرىغا چىقماقتىكەن.