نورۋېگىيە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق خىتاي شىركىتىنىڭ پاي چېكىنى ساتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان

نورۋېگىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق بايلىق فوندى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق بىر خىتاي شىركىتىنىڭ پاي چېكىنى ساتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. مەلۇم بولۇشىچە، نورۋېگىيە مەركىزى بانكىسى ئۆتكەن دۈشەنبە كۈنى مەزكۇر فۇندىنىڭ ئەخلاق كومىتېتى خىتاينىڭ لىنىڭ تەنتەربىيە كىيىملىرى شىركىتىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن چېتىشلىقى بارلىقىنى بېكىتكەندىن كېيىن، بۇ شىركەتنىڭ «كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشقا ئىشتىراك قىلىشتەك قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان خەۋپ تۈپەيلى» ئۇنىڭ پاي چېكىنى ساتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

نورۋېگىيە ئىگىلىك ھوقۇق فوندى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ مەبلەغ فوندلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرلىرىدىكى ئومۇمى مەبلەغ سوممىسى بىر تىرىليون 381 مىليارد دوللار بولغان. ئۇ لىنىڭ شىركىتىنىڭ 0. 59 پىرسەنت پاي چېكىگە يەنى بىر مىليارد 500 مىليون نورۋېگىيە كرونېرى قىممىتىدىكى پاي چېكىگە ئىگە ئىدى. لېكىن خوڭكوڭدىكى «جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى» گېزىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، نورۋېگىيە ئىگىلىك ھوقۇق بايلىق فوندى شۇنىڭدىن باشلاپ لىنىڭ شىركىتىنىڭ پاي چېكىنى ساتقان.

نورۋېگىيە ئىگىلىك ھوقۇق بايلىق فوندى، ئەخلاق كومىتېتىنىڭ لىنىڭ شىركىتىنى مال بىلەن تەمىنلىگۈچى بىر شىركەتنىڭ «لاگېردا ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى بارلىقى» غا دائىر تەۋسىيەسىگە ئاساسەن ئۇنىڭ پاي چېكىنى سېتىشنى قارار قىلغان. «جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى» نىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي 9-مارت كۈنى نورۋېگىيە ئىگىلىك ھوقۇق بايلىق فوندىنىڭ قارارىغا قارىتا ئىنكاس بىلدۈرۈپ، خىتايغا قارىتىلغان بۇ ئەيىبلەشنى «خىتايغا قارشى كۈچلەرگە چېتىشلىق چوڭ يالغانچىلىق» دەپ جار سالغان.