«بلومبېرگ خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 23-يانۋار كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى كۈنسېرى چۆكۈۋاتقان پاي چېكى بازىرىنى قۇتقۇزۇپ قېلىش ئۈچۈن، 278 مىليارد دوللار سەرپ قىلماقچى بولغان، بۇ مەبلەغ ئاساسەن خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلارنىڭ چەت ئەلدىكى تارماقلىرىدىن توپلىنىدىكەن.
خىتاي ئىقتىسادىدا كىرىزىس كۆرۈلۈۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە پاي چېكى بازىرىنى قايتا جانلاندۇرۇش خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىم نىشانىغا ئايلانغان. خىتاي باش مىنىستىرى لى چياڭ 22-يانۋار كۈنى بىلدۈرگەن ئىنكاسىدا، خىتاينىڭ بۇنىڭدىن كېيىن كاپىتال بازىرىغا ئوتتۇرا ۋە ئۇزاق مەزگىللىك مەبلەغ سالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ھالبۇكى، چەت ئەلدىكى كاپىتال بازىرىنىڭ ئەڭ چوڭ مەبلەغ سالغۇچىلىرىدىن بولغان مورگان ستەنلى (Morgan Stanley) نىڭ بىر دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، چەت ئەلدىكى پۇل-مۇئامىلە فوندلىرى خىتايدىكى 1 مىليارد 600 مىليون پاي چېكىنى سېتىۋەتكەن.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پاي چېكى بازىرىغا سالىدىغان بۇ مەبلىغى خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنىڭ 2 پىرسەنتىگىمۇ يەتمەيدىغان بولۇپ، پاي چېكى بازىرى ئۈچۈن يەنىلا يېتەرلىك مەبلەغ ھېسابلانمايدىكەن.
چەت ئەللىك ئىقتىسادشۇناسلار خىتاينىڭ ئىقتىسادىنىڭ ھازىر تۇرغۇن ۋەزىيەتتىن كىرىزىس دەۋرىگە قەدەم قويۇۋاتقانلىقى ھەققىدە كۆپلەپ ماقالىلەرنى ئېلان قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ئاساسىنىڭ يەنىلا كۈچلۈك ئىكەنلىكى، «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇر رايونىدىن چىقىۋاتقان ئېنېرگىيە، ئاشلىق ۋە باشقا مەھسۇلاتلارنىڭ داۋاملىق ئېشىۋاتقانلىقى ھەققىدە تەشۋىقات ئېلىپ بېرىلماقتا.