ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خىتايدىكى پېنسىيەگە چىققان «پېشقەدەم ئىختىساس ئىگىلىرى» نى جەلپ قىلىش پىلانى يولغا قويغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2024.01.09

2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇندا ئۇيغۇر ئىختىساس ئىگىلىرىنى تازىلاپ، تۈرمە، لاگېرلارغا قامىغان خىتاي دائىرىلىرى، نۆۋەتتە خىتايدىكى پېنسىيەگە چىققان «پېشقەدەم ئىختىساس ئىگىلىرى» نى ئۇيغۇر ئېلىغا جەلپ قىلىشنىڭ پىلانىنى تۈزۈپ، رەسمىي ئىجرا قىلىشقا باشلىغان.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ ئاشكارىلىشىچە، «ئاق چاچلىقلار پىلانى» دەپ نام بېرىلگەن مەزكۇر پىلان «شىنجاڭنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى مۇنەۋۋەر پەن-تېخنىكا پېنسىيونېرلىرىنى تېخىمۇ جەلپ قىلىش سەپەرۋەرلىكى قىلىپ، شىنجاڭنىڭ پەن-تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىشلىرىغا قاتناشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان» ئىكەن. خەۋەردە دېيىلىشىچە، يېقىندا رەسمىي يولغا قويۇلغان مەزكۇر پىلان بويىچە ھەر يىلى 100 دەك مۇنەۋۋەر پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى پېنسىيونېرلارنى تېخنىكا گۇرۇپپىسى قىلىپ تەشكىللەپ، ئۇلارنى «ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىش» شارائىتىغا ئىگە قىلىدىكەن. خەۋەردە يەنە بۇ ئارقىلىق «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن-تېخنىكا ئىختىساس ئىگىلىرى يېتىشمەسلىك ئەھۋالىنى ھەل قىلىدىغانلىقى» تەكىتلەنگەن.

ھالبۇكى، مەزكۇر پىلاننىڭ 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەر قايسى پەن-تېخنىكا، سودا-سانائەت، مائارىپ، مېدىتسىنا، كانچىلىق، لايىھەلەش، ئەدەبىيات-سەنئەت، ئىجتىمائىي پەن تەتقىقات ساھەلىرىدىكى مىڭلىغان ئۇيغۇر ئىختىساس ئىگىلىرى تۇتقۇن قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ ھازىرغىچە ھېچقانداق ئىز-دېرىكى بولمىغان بىر ۋاقىتتا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى ۋە ئىجرا قىلىنىشى، دىققەت قوزغىماقتا. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قەيت قىلىشىچە، 2017-يىلى باشلىنىپ ھازىرغىچە داۋاملىشىۋاتقان بۇ تۇتقۇن، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئىختىساس ئىگىلىرى ساھەسىدە زور بوشلۇق شەكىللەندۈرگەن ئىكەن.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە، «قىران ئىختىساس ئىگىلىرى» پىلانىنىڭ نېفىت-تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىشى، پىششىقلاپ ئىشلەش، كۆمۈرچىلىك، ئېلېكتىر ۋە خىمىيە سانائىتى، يېشىل كانچىلىق، ئاشلىق، پاختا-توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك، يېشىل ئورگانىك باغۋەنچىلىك، كۆكتاتچىلىق قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك يېڭى گۈللىنىۋاتقان ئىشلەپچىقىرىش ساھەلىرىنى، شۇنىڭدەك ئەلا سۈپەتلىك چارۋا مەھسۇلاتى، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىياللار، ساغلاملىق، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت، سۇ بايلىقى بىخەتەرلىكى، ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىشى قاتارلىق ساھەلەرنى ئاساسلىق تاللاش نىشانى قىلىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن. `

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.