ئامېرىكانىڭ «فوربېس» ژۇرنىلى 3-ئۆكتەبىر ئېلان قىلغان بىر ماقالىدە، خىتاينىڭ پۇل-مۇئامىلە كرىزىسى ئېغىرلىشىۋاتقانلىقى، ئۇنىڭ «زور كرىزىسكە دۇچ كېلىۋاتقانلىقى» نى بىلدۈرگەن. ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي بانكىلىرى ئامانەت قەرزدىن تارتقان زىيانلىرىغا زاپاس پۇل تەييار قىلىشتا خىتاي زايۇم بازىرىغا يۈزلەنگەن بولۇپ، زايۇم بازىرى ئارقىلىق ئېرىشكەن زاپاس فوندى ئۆتكەن يىلقىدىن 30 پىرسەنت ئارتقان. ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ بۇنىڭدىن بىر يىل ئاۋۋال خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ ئۆي-مۈلۈك شېركىتى بولغان خېڭدا گۇرۇھىنىڭ 300 مىليارد دوللار قەرزىنى تۆلىيەمەيدىغانلىقنى ئېلان قىلىشى بىلەن باشلانغان كرىزىسنىڭ يەنە بىر باسقۇچى ئىكەن.
«فوربېس» ژۇرنىلىنىڭ يازغۇچىسى مىلتون ئەزراتى تەرىپىدىن قەلەمگە ئېلىنغان مەزكۇر ماقالىدە، خىتاينىڭ بۇ كرىزىسنىڭ كېڭىيىشىنى توختىتىش ئۈچۈن كەسكىن تەدبىر ئېلىشنى رەت قىلغانلىقىنى، بېيجىڭ كەسكىن تەدبىر ئالمىغىچە بۇ كرىزىسنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ماقالىدە يەنە پۇل-مۇئامىلە مەسىلىسىنىڭ ئىقتىسادقا ئېنىق تەسىرى بولىدىغانلىقى، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئاجىزلىق نۇقتىسى ئالىقاچان روشەنلەشكەنلىكىنى، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇل ئەسلىھەلەرگە كۆپلەپ مەبلەغ سالغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئۇنىڭ بۇ يىلقى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنى 5.5 پىرسەتكە يەتكۈزۈش پىلانىدىن كۆپ تۆۋەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، نۇرغۇن كىشىلەر خىتاي ئىقتىسادىنىڭ چۆكۈشىنى ئۇنىڭ يۇقۇمغا قارشى كارانتىن تەدبىرلىرىگە باغلىسىمۇ ۋە بۇنىڭ رول ئوينىشى شۈبھىسىز بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭدا بېيجىڭ ۋە غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ سەل قارىشىغا قارىماي پۇل مۇئامىلە كرىزىسىنىڭ چوڭقۇر تەسىرى بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ماقالىدە ئېيتىشىچە، بېيجىڭ خېڭدا گۇرۇھى قەرزنى تۆلىيەلمەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە دەرھال تەدبىر قوللانغان بولسا، ھازىرقى ئىقتىسادىي ئىزتىراپتىن خالىي بولغىلى بولاتتىكەن. ماقالىدە بېيجىڭ دائىرىلىرى تەدىبر ئالمىغانسىرى، خىتايدىكى پۇل-مۇئامىلە كرىزىسى تەسىرىنىڭ تېخىمۇ شىددەتلىك بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.