خىتاي ئىقتىسادىنىڭ چېكىنىشىگە ئەگىشىپ، خىتاينىڭ پاي چېكى بازىرى چۈشۈپ، خىتاي پۇلىنىڭ قىممىتى داۋاملىق تۆۋەنلەۋاتقان بولۇپ، بۇ ئەھۋالدا خىتاي پۇلىنىڭ دۇنيا پۇل-مۇئامىلە ساھەسىدە دوللارغا ئوخشاش ئىناۋەت قازىنىشى ناھايىتى قىيىن ئىكەن.
«بلومبېرگ خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 21-ئاۋغۇست كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي پۇلىنىڭ بىر دوللارغا تەڭ كېلىدىغان قىممىتى ئۆتكەن ھەپتىدىلا 7 يۈەن 30 سېنتتىن ھالقىغان بولۇپ، ئۆتكەن يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشۈپ قالغان. خىتاي بانكىسى قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، دوللارنى پاخال قىلىپ ساتىدىغانلىقىنى داۋراڭ قىلغان. ئەمما ھازىر دوللارمۇ مەلۇم نىسبەتتە پاخاللىشىۋاتقان بولۇپ، خىتاي تەرەپ گەرچە قولىدىكى دوللارنى بىر تەرەپ قىلىۋەتسىمۇ، خىتاي پۇلىنىڭ داۋاملىق پاخاللىشىشىنى توسۇپ قالالمايدىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي پۇلىنىڭ قىممىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن قەرزنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى چۈشۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللانغان، ئامېرىكا بولسا ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆستۈرگەن، بۇ ئەھۋالدا خىتاي پۇلىنىڭ قىممىتى يەنە 9 پىرسەنت ئەتراپىدا تۆۋەنلەيدىكەن. خىتاي پۇلىنىڭ بىر دوللارغا تەڭ كېلىدىغان قىممىتى 7 يۈەن 50 سىنتقىمۇ بېرىپ قالىدىكەن.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئەزەلدىن پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسىنى بىر قوللۇق باشقۇرۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇرۇن بىر مەزگىل خىتاي پۇلىنى پاخاللاشتۇرۇش ئارقىلىق سودىدا نەپ ئېلىش تاكتىكىسىنى ئىشقا سالغان. ئەمما بۇنداق قىلىشنىڭ خەتىرىمۇ بار بولۇپ، ئەگەر خىتاي ئىقتىسادى بىر قەدەر كۈچلۈك بولمىغىنىدا، خىتاي پۇلىنىڭ كۇرسى بىراقلا چۈشۈپ كېتىپ، ئىقتىسادىي كرىزىس كېلىپ چىقىدىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى خىتاي پۇلىنى بىرازىلىيە، رۇسىيە، ھىندىستان ۋە جەنۇبىي ئافرىقادىن ئىبارەت «كېسەك دۆلەتلەر» ئىتتىپاقىنىڭ كوزىر پۇلى قىلىپ، خەلقئارادا دوللارنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشكە ئۇرۇنۇپ كېلىۋاتقانىدى؛ نۆۋەتتە خىتاي ئىقتىسادى چېكىنىۋاتقان بۇ ۋەزىيەتتە خىتاي پۇلىنىڭ كۇرسى چۈشۈپ، خەلقئارادا ئىناۋەتلىك پۇل بىرلىكى بولۇش ئېھتىمالىمۇ زور دەرىجىدە تۆۋەنلەيدىكەن.