«ئىقتىسادشۇناس» گېزىتى يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەت ئەللەردە ياشايدىغان پۇقرالىرىنى قانداق قىلىپ جاسۇسلۇققا سېلىۋاتقانلىقى ھەققىدە زور ھەجىملىك بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلغان.
ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى پارا بېرىش، قارا چاپلاش، خىتايدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى گۆرۈگە ئېلىۋېلىش، مەخپىي سودا قىلىشتەك تۈرلۈك ئوخشىمىغان ۋاسىتىلەر ئارقىلىق چەت ئەللەردىكى خىتاي پۇقرالىرىنى نازارەت قىلىش، ئۇچۇر توپلاش ۋە تەسىر كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىگە سالماقتا ئىكەن. خىتاينىڭ بۇنداق ھەرىكەتلىرى يېقىندا ئەنگلىيە قاتارلىق باشقا دۆلەتلەردىمۇ ئاشكارىلانغان بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا خىتاينىڭ باش نىشانى ئىكەن.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئامېرىكا ئەدلىيە تارماقلىرى خىتاينىڭ سىڭىپ كىرىش ھەرىكەتلىرىنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتكەن بولۇپ، پەقەت مۇشۇ بىر يىلنىڭ ئىچىدىلا خىتايغا چېتىلغان بىر قانچە يۇقىرى دەرىجىلىك دېلولار يۈز بەرگەن. نيۇ-يورك شەھەر باشلىقىنىڭ سابىق ياردەمچىسى لىندا سۈننىڭ دېلوسى بۇلار ئىچىدىكى تىپىك بىر مىسال بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، 2018-يىلى يولغا قويۇلغان جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش پىروگراممىسى «خىتاي تەشەببۇسى» دەپ ئاتالغان بولۇپ، بۇ ئامېرىكانىڭ سودا ۋە تېخنىكا مەخپىيەتلىكلىرىنىڭ ئوغرىلىشىنى توسۇشنى مەقسەت قىلغان ئىكەن. MIT تېخنىكا تەكشۈرۈشىدىن تۈزۈلگەن سانلىق مەلۇمات ئامبىرىغا قارىغاندا، تېخنىكا ۋە سودا جاسۇسلۇقى بىلەن ئەيىبلەنگەن 90 پىرسەنتكە يېقىن جاۋابكارنىڭ ھەممىسى خىتايدىن كەلگەنلەر ئىكەن. ئۇنىۋېرسىتېتلاردىكى يۇقىرىقىدەك تەتقىقات پىروگراممىلىرىدىن سىرت يەنە، «ۋەتەنداشلار ئۇيۇشمىسى» («توڭشياڭخۇي») دەپ ئاتىلىدىغان مۇھاجىرلار تەشكىلاتلىرىمۇ ئامېرىكانىڭ بېشىنى ئاغرىتىۋاتقان بىر مەسىلە بولۇپ قالغان. چۈنكى بۇنداق جەمئىيەتلەر قانۇنلۇق تىزىملىتىلغان، ئۇلارنىڭ پائالىيەتلىرى نورمالدەك قىلسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ پائالىيەتلىرى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتەك ناھايىتى ئىنچىكە سىزىق ئۈستىدە تۇرماقتىكەن. شۇڭا ئۇلارنى پەرقلەندۈرۈش ۋە ئامېرىكادىكى بارلىق خىتاي جامائىتىنى گۇمان ئوبيېكتىغا ئايلاندۇرۇپ قويماي تۇرۇپ، بۇ مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىش قېيىنغا توختىماقتىكەن.
بىر قىسىم خىتاي پۇقرالىرى بۇ ۋەزىيەتنىڭ ئامېرىكادىكى خىتايلارغا قارىتا ئۆچمەنلىك پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق يەنە بىر قىسىم خىتايلار ئامېرىكانىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەسىرىنى تازىلاش ھەرىكىتىنى قارشى ئالغان. ئۇلار يەنە بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىگە يانتاياق بولۇۋاتقانلار ئۈچۈن بىر ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بولۇپ قېلىشىنى ئارزۇ قىلىدىكەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ 2025-يىلى 1-ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ئىش باشلىشى بىلەن بۇ ھەرىكەت يەنىمۇ كۈچىيىشى مۇمكىنكەن.