ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 2-ئاۋغۇست كۈنى خىتاينىڭ ئومۇمىي خەلق جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش سەپەرۋەرلىك چاقىرىقىغا قارىتا ئىنكاس بىلدۈرۈپ، خىتاينىڭ پۇقرالىرىنى بىر-بىرىنى نازارەت قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ ھەپتىنىڭ باشلىرىدا خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ، «جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇشتا پۈتۈن جەمئىيەتنى سەپەرۋەر قىلىش» قا چاقىرىق قىلغان. خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى شەخسلەرنىڭ گۇمانلىق ھەرىكەتلەرنى پاش قىلىش قانىلى قۇرۇلغانلىقى، پاش قىلغۇچىلارنىڭ تەقدىرلىنىدىغانلىقى ۋە مۇكاپاتلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مەتېۋ مىللېر (Mathew Miller) 2-ئاۋغۇست مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئامېرىكانىڭ بۇنىڭدىن ئىنتايىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ مۇنداق دېگەن: «بىزنىڭ بۇنىڭدىن ئەندىشىلىرىمىز بار. پۇقرالارنى بىر-بىرىنى نازارەت قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش، ئەلۋەتتە كىشىنى قاتتىق ئەندىشىگە سالىدۇ.» مەتېۋ مىللېرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇنىڭدىن بۇرۇن ئامېرىكا خىتايغا ساياھەتكە بارىدىغان پۇقرالىرىغا 3-دەرىجىلىك ئاگاھلاندۇرۇش چىقارغان ئىكەن. 3-دەرىجىلىك ئاگاھلاندۇرۇش، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ پۇقرالىرىنى مەلۇم بىر دۆلەتكە ساياھەتكە «بېرىش-بارماسلىقنى قايتا ئويلىشىش» قا چاقىرىشىنى كۆرسىتىدىكەن. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خىتاينىڭ جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش سەپەرۋەرلىك ھەرىكىتىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشى ۋە خىتايغا «بېرىش-بارماسلىقنى قايتا ئويلىشىش» نى تەلەپ قىلىشى، چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تۇغقان يوقلاپ ئۇيغۇر ئېلىغا بېرىش-بارماسلىق مەسىلىسى قاتتىق تالاش-تارتىش قوزغىغان بىر ۋاقىتتا ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
بۇ تالاش-تارتىشنى يېقىندا چەت ئەل تەۋەلىكىدىكى قىسمەن ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ۋىزىسى ئېلىپ، ئۇيغۇرلارغا قارىتا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلىنىۋاتىدۇ، دەپ قارىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئېلىدا تۇغقان يوقلاشتا بولۇشى ۋە ۋەزىيەتنىڭ «نورماللاشقانلىقى» ھەققىدىكى ۋىدېيولارنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارقىتىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان. چەت ئەللەردىكى تەشكىلاتلار، بۇ خىل تۇغقان يوقلاش خىتاينىڭ «شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش» ھەرىكىتىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. خىتاينىڭ «جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» بۇ يىل 7-ئايدىن باشلاپ رەسمىي ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان.