خىتاي ھازىر ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىگە كېرەكلىك خام ئەشيا تەمىنلەشتە ھەل قىلغۇچ رول ئويناۋاتقان دۆلەت بولۇپ قالغان؛ ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلىپ، ياۋروپاغا تەھدىت سېلىۋاتقان رۇسىيەنى ئاستىرتىن يۆلەۋاتقان خىتاينىڭ ياۋروپا دۆلەتلىرى ئۈچۈن ئوق-دورا تەمىنلەشتە كەم بولسا بولمايدىغان دۆلەت بولۇپ قېلىشى ياۋروپانىڭ ھەربىي سانائەت مەسئۇللىرىنى ئەندىشىگە سېلىۋاتقان بىر مەسىلە بولۇپ قالغان.
«سىياسەتچى» ژۇرنىلىنىڭ يېقىندا بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ مۇھىم دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى مەسئۇلى، شىۋېتسىيە ئاۋىياتسىيە ۋە دۆلەت مۇداپىئە شىركىتى (Saab) دىرېكتورى مايكېل جوھانسون (Micael Johansson) ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ خىتاي ياسىغان پوروخلارغا بەكلا تايىنىپ قالغانلىقىنى، ئەگەر بۇ تەمىنلەش توختاپ قالسا ياۋروپانىڭ ھالىنىڭ خەتەرلىك بولىدىغانلىقىنى، بۇ خەتەرنىڭ ياۋروپادىن ھالقىپ ھەتتا ئافرىقىغىمۇ يېتىپ بارىدىغانلىقى، شۇڭا پوروخ قاتارلىق ئوق-دورا تەمىنلەش مەنبەسىنى، بولۇپمۇ راكېتالارنىڭ تېزلىكىنى ئاشۇرىدىغان كاتالىزاتورلۇق دورىلارنى تەمىنلەش مەنبەسىنى كۆپ خىللاشتۇرۇش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇكرائىنا ئۇرۇشى باشلانغاندىن بۇيان، ياۋروپادىكى دۆلەت مۇداپىئەسى شىركەتلىرى بېسىمغا دۇچ كەلگەن. ئۇلار ئۇكرائىناغا ياردەم بېرىش ھەمدە ئۆز دۆلىتىنىڭ مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ قورال ۋە ئوق-دورا ئىشلەپچىقىرىشقا مۇھتاج بولسىمۇ، تەمىنلەش يېتەرلىك بولمىغان. ئۇكرائىنا ھازىر رۇسىيەنىڭ ئارقىمۇ ئارقا ھۇجۇم قىلىشىغا ئاران چىداشلىق بېرىۋاتقان بولۇپ، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئۇكرائىناغا يېتەرلىك ياردەم بېرەلمەسلىكى ھېلىتىنلا ئۇرۇش نەتىجىسىگە تەسىر كۆرسەتمەكتە ئىكەن.
ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ مۆلچەرىگە ئاساسلانغاندا، 2026-يىلىنىڭ بېشىغىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى ھەر يىلى 2 مىليون دانە زەمبىرەك ئوقى ئىشلەپچىقىرىشى كېرەك ئىكەن، ئەمما ئۇنى ئىشلەپچىقىرىشقا كېرەكلىك پارتلاتقۇچ دورا، يەنى پوروخ كەمچىل ئىكەن.