«خىتاي خەۋەرلىرى تورى» نىڭ 14-مارت كۈنى بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، 2023-يىللىق «20 ياشتىن تۆۋەنلەر ئاسىيا پۇتبول لوڭقىسى» مۇسابىقىسىگە قاتناشقان خىتاي كوماندىسى تەركىبىدە ئۇيغۇر رايونىدىن تاللانغان 7 نەپەر پۇتبولچى كارامىتىنى كۆرسەتكەن، بۇلارنىڭ ئىچىدە تۆت نەپىرى قەشقەردىن كەلگەن پۇتبولچىلار ئىكەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئۆزبېكىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ مۇسابىقىنىڭ گۇرۇپپىدىن چىقىش باسقۇچىدا خىتاي كوماندىسى ئالدىنقى مۇسابىقىدە چېمپىيون بولغان سەئۇدى ئەرەبىستان كوماندىسىنى يەڭگەن. 3-ئاينىڭ 9-كۈنى، قىرغىزىستان كوماندىسى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىدىمۇ قارشى تەرەپ بىلەن تەڭلەشكەن ھەم D گۇرۇپپىدىن چىققان. ئەمما 12-مارت كۈنى كورېيە كوماندىسى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن «4 كۈچلۈكنى تاللاش» مۇسابىقىسىدە ئۇلارغا ئۇتتۇرۇپ قويغان.
مۇسابىقە جەريانىدا، قەشقەردىن كەلگەن 3 پۇتبولچى قالتىس ماھارىتىنى كۆرسەتكەن، كوماندا باشلىقى ئافرىدىن ئەسقەر بىلەن كوماندا ئەزاسى مۇتەللىپ ئىمىنقارى، شىرزات نۇر قاتارلىقلار سەئۇدى ئەرەبىستان كوماندىسىنى يېڭىشتە ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان. بۇ ئۈچەيلەن قەشقەر شەھىرى شامالباغ بازىرى مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتىپى «قەشقەر ئەزىمەتلىرى پۇتبول كوماندىسى» نىڭ ئەزالىرى بولۇپ، بۇ مەكتەپنىڭ پۇتبول مەشىق بازىسى پۈتكۈل خىتايدا «پۇتبول چولپانلىرى بۆشۈكى» دەپ نام ئالغانىكەن.
ئەمما خىتاينىڭ 2017-يىل باشلاتقان كەڭ كۆلەملىك ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھۇجۇمىدا پۇتبول ئەزىمەتلىرىمۇ ئامان قالمىغان بولۇپ، ئىستىقباللىق پۇتبولچى ئىرپان ھېزىمنىڭ 2018-يىلى 2-ئايدا لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكى رادىيومىز تەرىپىدىن دەلىللەنگەنىدى. 2019-يىل12-ئايدا، ئارسېنال كۇلۇبىنىڭ پۇتبولچىسى مەسۇت ئۆزىل ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان زۇلۇم ھەققىدە سۆز قىلىپ چوڭ غولغولا قوزغىغاندىن كېيىن، ئۇ ئېلېكترونلۇق پۇتبول ئويۇنىنىڭ خىتايچە نۇسخىسىدىن چىقىرىۋېتىلگەن، ئۇيغۇر پۇتبولچىلارمۇ چىقىرىپ تاشلىنىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا خىتاي پۇتبولچىلىرى كىرگۈزۈلگەنىدى.