خىتاي ئۇيغۇر رايونىدا «تېررورلۇققا ئائىت ئۇچۇر تارقاتقان» يەنە 15 كىشىنى جازالىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

خىتاينىڭ تەڭرىتاغ تورى بۈگۈن ئۇيغۇر رايونىدا قانۇنسىز ئۇچۇر تارقىتىشقا چېتىشلىق تىپىك 11 دېلونىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر دېلولارغا چېتىشلىق كىشىلەرنىڭ سانى 15 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 5 نەپىرى خىتاي، ئىككى نەپىرى ئايال، دېلولار پۈتۈنلەي ئاتالمىش تېررورلۇققا ئائىت ماتېرىياللارنى كۆرۈش، ساقلاش ۋە تارقىتىشقا ئائىت مەزمۇندا ئىكەن. خەۋەردە يەنە بۇ قېتىمقىسىنىڭ مۇشۇ خىل تىپىك دېلولارنىڭ 13-قېتىم ئېلان قىلىنىشى ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر خەۋەردە قوللىنىلغان «تىپىك» سۆزىگە ئاساسەن، رايوندا بۇ خىل ئەيىبلەشتىكى تۇتقۇننىڭ يەنىلا كەڭ-كۆلەمدە داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى پەرەز قىلىشماقتا.

نورۋېگىيەدىكى كۆزەتكۈچى زۇمرەت خانىمنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تېررورلۇققا بۇ قەدەر سەزگۈر مۇئامىلە قىلىشىنىڭ سەۋەبى، ئۆزلىرى رايوندا يىللاردىن بېرى ئىجرا قىلىپ كېلىۋاتقان چېكىدىن ئاشقان زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئۆزلىرى سادىر قىلغان خاتالىقلار سەۋەبلىك ئەندىشە ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقى ۋە غەيرىي نورمال بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى قوللىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن زۈمرەت خانىم، خىتاينىڭ ئۆز سىياسىتىنى يىلتىزىدىن ئۆزگەرمەي تۇرۇپ، تېررور ئەندىشىسىدىن خالىي بولالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

بىر قىسىم خەلقئارا كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي تەرەپنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى تېررورلۇق تەھدىتىنى مۇبالىغىلەشتۈرۈۋېتىپ بارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن ئىدى.