ئەنگىلىيەدىكى ئ‍ادۋوكاتلار تەشكىلاتى: «شىنجاڭدا قانۇن بىلەن باشقۇرۇشنىڭ ئورنىنى ئىستىبدات قانۇنسىزلىق ئىگىلىدى»

ئەنگىلىيەدىكى ئادۋوكاتلارنىڭ «ھوقۇق ئەمەلىيىتى» ناملىق تەشكىلاتى دوكلات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلار ئېلىدا يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بېرى «قانۇن بىلەن باشقۇرۇشنىڭ ئورنىنى ئىستىبدات قانۇنسىزلىق» ئىگىلىگەنلىكى، خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى قانۇن تورىغا چۈشۈپ قالغان ئۇيغۇرلارنى «مۇجىمەل، مەخپىي ۋە مۈشكۈل بىر تەقدىر» كۈتۈپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئىتالىيەدىكى «زېمىستان» ناملىق دىنىي ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇق تورىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۆتكەن يىلدىن بېرى قورشاۋدا قالغان بۇ رايوندىكى تۈركىي خەلقلەر دېموكراتىيەنىڭ ئادالەت غايىسىنى بۇزۇپ تاشلايدىغان قىلمىشلارنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان.

خەۋەردە يەنە بۇ رايوندا «قانۇنىي ۋەكىللىك بىلەن ئادىل سوتلىنىش ئارقىلىق جىنايىتى ئىسپاتلانمىغىچە گۇناھسىز، دەپ قارىلىشى پرىنسىپى» دەپسەندە قىلىنغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ «ھېچكىمنىڭ جاۋاپكارلىقى بولمىغان بىر سىستېمىنىڭ قۇربانىغا ئايلانغانلىقى» تەكىتلەنگەن. مەلۇم بولۇشىچە، «قانۇننى دەپسەندە قىلىش، شىنجاڭدىكى جىنايى ئىشلار دەۋالىرى» ناملىق دوكلاتتا، 2017-يىلدىن بۇيان ئاز دېگەندە بىر مىليون ئۇيغۇرنى قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرۇش ئارقىلىق، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قولغا ئېلىشنى قانۇنلۇق ئاساستا ئېلىپ بېرىش جەھەتتىكى يىگىرمە يىللىق تەرەققىياتىنىڭ قانداق قىلىپ كەسكىن ئۆزگىرىش ياسىغانلىقى يورۇتۇپ بېرىلگەن.

دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، بۇ جەرياندا خىتاي خەلقئارا ئۆلچەملەرگە ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى ئاغزىنىڭ ئۇچىدا تەكىتلەپ قويۇپ، ئۇنىڭ «خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە» شەكىللىرى ئارقىلىق بۇ ئ‍ۆلچەملەرنىڭ ھەر بىرىگە خىلاپلىق قىلغان. دوكلاتتا، 2017-يىلى بىر يىلنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر ئېلىدا قولغا ئېلىنغانلار ۋە جازالانغانلارنىڭ 700 پىرسەنت كۆپەيگەنلىكى، خىتاي ئاساسىي قانۇنى ۋە خىتاي قانۇنلىرىنىڭ تەدبىقلىنىشى ناھەق بولسىمۇ، بىراق خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا كەلگەندە كۆرۈنۈشتە بولسىمۇ ئۇلارغا ھۆرمەت قىلىپ قويمايدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.