خىتاي «بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش قانۇنى» ماقۇللانغانلىقىنىڭ 15 يىللىقىنى خاتىرىلىدى

خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى 29-ماي كۈنى «بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش قانۇنى» ماقۇللانغانلىقىنىڭ 15 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، بۆلگۈنچىلىككە زەربە بېرىدىغانلىقىنىڭ بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، «بىر دۆلەتتە ئىككىل خىل تۈزۈم دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنىڭ ئەڭ نادىر يولى» ئىكەن. يىغىندا خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇدىرى سۇ جەنشۇ نۇتۇق سۆزلىگەن. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاينىڭ «بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش قانۇنى» خىتاينىڭ «تىنچلىق بىلەن بىرلىككە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى، مۇستەقىلىققە قارشى تۇرۇپ، بىرلىككە كېلىشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچ تەلىپىنىڭ مۇھىم قوللانمىسى» ئىكەن.

بۇ پائالىيەت ئامېرىكا-تەيۋەن مۇناسىۋىتى كۈچەيگەن، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى ماقۇللاپ، پرېزىدېنتنىڭ ئىمزا قويۇشىغا يوللىغان شۇنداق پرېزىدېنت ترامپ ئامېرىكانىڭ خوڭكوڭغا تۇتقان سودا، ساياھەت جەھەتتىكى ئالاھىدە ئىمتىيازىنى بىكار قىلغان مەزگىلدە ئۆتكۈزۈلگەن. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ مۇشۇنداق مەزگىلدە مەخسۇس پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ، بۇ قانۇن ماقۇللانغانلىقىنىڭ 15 يىللىقىنى خاتىرىلىشى دىققەت قوزغايدىكەن.

يىغىندا يەنە خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ بىرلەشمە باش شتاب باشلىقى لى زوچېڭ تەيۋەننى تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈش ئىشقا ئاشمىسا ئۇنىڭغا قورال ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ئەگەر تەيۋەننى «تىنچلىق بىلەن بىرلىكك كەلتۈرۈش مۇمكىنچىلىكى قالمىسا، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى تەيۋەننى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە بارلىق زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىدىكەن». لېكىن ئۇ بۇ خىل زۆرۈر تەدبىرلەرنى قاچان ئىشلىتىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرمىگەن.