27-ماي كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي ئەزالار كومىتېتىنىڭ 13-نۆۋەتلىك يىغىنى چاقىرىلغان. شۇنىڭدەك بۇ قېتىملىق پەۋقۇلئاددە يىغىندا خەلق قۇرۇليىتى، بىڭتۇەن سىستېمىسى، ھەرقايسى ۋىلايەتلىك رېۋېزىيە كومىتېتى ۋە تەپتىش مەھكىمىلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق ۋە ھەرقايسى ۋىلايەتلىك سوت مەھكىمىلىرىنىڭ مۇھىم ئەمەلدارلىرى، بۆلۈم باشلىقلىرى ۋە سوتچىلىرىنى غايەت زور كۆلەمدە ۋەزىپىگە تەيىنلەش ۋە ۋەزىپىدىن قالدۇرۇش ھەققىدە مەخسۇس قارار ئېلىنغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرىشىدىكى «تەڭرىتاغ» تورىنىڭ 2-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ قېتىملىق ۋەزىپىگە تەيىنلەش ۋە قالدۇرۇش ئوبيېكىتلىرى 100 كىشىدىن ئاشىدىكەن. ئەمما خەۋەردە بېرىلگەن ئىسىملىكتىكى كىشىلەرنىڭ 90 پىرسەنتتىن كۆپرەكى خىتايلار بولۇپ، ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك مىللەتلەردىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەنلەر 10 پىرسەنتكىمۇ بارمايدىكەن. بۇ ھال بىۋاستە ھالدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھاكىمىيەت سىستېمىسىدا ھوقۇقنىڭ تەقسىملىنىشى مۇتلەق ھالدا خىتايلارغا مەركەزلىشىپ بولغانلىقىنى، مەمۇرىي سىستېمىدىن ئورۇن تەگكەن ئۇيغۇرلارنىڭ سىمۋوللۇق ھالدا ئازغىنە ساننى تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا خىتاي ھۆكۈمىتى «خىتايچە بىلمەيدۇ» دېگەندەك باھانىلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنى ھاكىمىيەت سىستېمىسىنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇپ كەلگەن ئىكەن. ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدا بولسا خىتاي ھۆكۈمىتى «ئىككى يۈزلىمىچىلەرنى تازىلاش» ۋە «رەزىل، قارا كۈچلەرگە زەربە بېرىش» دېگەندەك ناملاردا ئالىقاچان خىتاي تىلى ئۆتكىلىدىن تولۇق ئۆتۈپ بولغان بارلىق ئۇيغۇر مەمۇرىي خادىملىرىنى لاگېرلارغا قاماپ بولغان ئىدى. بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ سابىق رەئىسى نۇر بەكرى 2019-يىلى ئۆمۈرلۈك قاماققا ھۆكۈم قىلىنغاندىن كېيىن، خىتاي ئۆكتىچى زىيالىلىرىدىن چېن پوكوڭ رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ: «خىتاي ھۆكۈمىتى نۇر بەكرىگە ئوخشاش ئۇيغۇر كادىرلارنىڭ ھېچ بىرىگە ئىشەنمەيدۇ. ئۇلارنى پەقەت ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي ئېھتىياجى تامام بولغۇچە ئىشقا قويىدۇ ھەمدە بۇ ئېھتىياج تۈگىگەن ھامان تۈرلۈك يوللار بىلەن كۆزدىن نېرى قىلىدۇ،» دېگەن ئىدى.