خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا «قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش» نىڭ «ئۈچ سېستىما» سىنى تەكىتلىمەكتە

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندىن بۇيان رايوندا ھەدەپ ئاساسىي قانۇننى ئۆگىنىش، قانۇن بويىچە ئىش كۆرۈش دېگەنلەرنى تەكىتلىمەكتە.

خىتاينىڭ «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 6-دېكابىر كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت يىغىن چاقىرىپ، «مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش تەشۋىقات سىستېمىسى، قانۇن ئىجرا قىلىش جەريانىنى خاتىرىلەش سىستېمىسى ۋە ئاساسىي قانۇن ئىجرا قىلىش ھەم قارار چىقىرىش قانۇن تەكشۈرۈش سىستېمىسى» قاتارلىق «ئۈچ سېستىما» نى يولغا قويغانلىقىنى جاكارلىغان.

يىغىندا 20-نۆۋەتلىك خىتاي مەملىكەتلىك قۇرۇلتاينىڭ روھىنى تەتقىق قىلىش ۋە يولغا قويۇش، شى جىنپىڭنىڭ قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش ئىدىيەسىنى تەتقىق قىلىش ۋە يولغا قويۇش بىلەن بىرگە يەنە، قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش، مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىشنىڭ «ئۈچ سىستېمىسى» نى يولغا قويۇش، قانۇننى قاتتىق، قېلىپلاشقان ھالدا ئىجرا قىلىش قاتارلىقلار تەلەپ قىلىنغان.

دىققەت قوزغايدىغىنى شۇكى، يىغىندا سۆز قىلغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز قاتارلىقلار «بارلىق جايلار ۋە تارماقلار قانۇننى ئىجرا قىلغاندا شى جىنپىڭنىڭ قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش ئىدىيەسى بىلەن قوراللىنىپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە خىزمەتنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك» دەپ تەكىتلىگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يېقىنقى 4 ئاي مابەينىدە يۈرگۈزگەن قاتتىق قامال تەدبىرلىرى سەۋەبىدىن ئاھالىلەر بىنا ۋە ئولتۇراق رايونلارغا سولىنىپ قېلىپ، ئۈرۈمچىدىكى بىر بىناغا ئوت كەتكەن ۋە نەچچە ئونلىغان ئىنسان ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى. بۇ ۋەقە ئۇيغۇر رايونىدىكى خىتاي ئاھالىلىرىنىمۇ قاتتىق نارازى قىلىپ، بىر قاتار نارازىلىق نامايىشلىرىنىڭ يۈز بېرىشىگە پىلتە بولغانىندى. مانا مۇشۇنداق بىر شارائىتتا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ رايوندا ھەدەپ قانۇننى ئىجرا قىلىش ھەققىدە جار سېلىشى، بولۇپمۇ شى جىنپىڭنىڭ ئاتالمىش «قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش» ئىدىيەسىنى بازارغا سېلىشى، دىققەت قوزغىماقتا.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا قانۇن بىلەن باشقۇرۇشنى تەكىتلىشى ھەمدە شى جىنپىڭنىڭ پىكرىنى قانۇنغا يېتەكچى قىلىشنى تەكىتلىشى، رايوندىكى قاتتىق قامال، باستۇرۇش ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرىنىڭ يەنىمۇ قاتتىق ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، دېدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يولغا قويۇۋاتقان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن ۋە جازا لاگېرلىرى سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيەتتە شى جىنپىڭنىڭ بىۋاستە بۇيرۇقى بىلەن ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقى، ئالدىنقى يىللاردا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مەخپىي ھۆججەتلىرى ئارقىلىق ئاشكارىلىنىپ كەتكەن ئىدى.