بۈگۈن ياپونىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن بىرىدە بايان قىلىنىشىچە «چەتئەلدىكى خىتاي دېموكراتلار بىرلىكسېپى» ناملىق تەشكىلات، بۇ يىل ئامېرىكىنىڭ تەنىسى شتاتىدا يىغىن ئۆتكۈزۈپ خىتاي كومپارتىيىسىنى قوراللىق قوزغىلاڭ يولى بىلەن ئاغدۇرۇپ تاشلاش ھەققىدە خىتابنامە ئېلان قىلغان.
بۇ يىل 10-ئاينىڭ باشلىرى ئېلان قىلىنغان بۇ يىغىنغا خىتاينىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىن بولۇپ 100 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ رەئىسى ۋېي جىڭشىڭنىڭ شەخسىي توربېتىدە ئېلان قىلىنغان ئالاقىدار بىر ماقالىدە بولسا، قوراللىق قوزغىلاڭ تەشەببۇسى يالىڭاچ شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويۇلمىغان بولسىمۇ، خىتاي كومپارتىيە ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ئۈچۈن تىنچلىق شەكىلدىكى قارشىلىقنىڭ كوپايە قىلمايدىغانلىقى، مۇۋاپىق كېلىدىغان بارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىش كېرەكلىكى تىلغا ئېلىنغان.
ماقالىدە ئەسكەرتىلىشىچە، شۇ قېتىمقى يىغىندا رەئىس ۋېي جىڭشىڭ خىتاينىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىشتە غەربنىڭ ئېغىزىغا قاراپ ئولتۇرماسلىق ۋە خىتاي خەلقى ئۆزى ھەرىكەت قىلىپ دېكتاتۇر ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ۋە ۋە جۇمھۇرىيەتنى قايتا قۇرۇپ چىقىش چاقىرىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.