خىتايدىكى قاتناش ۋەقەسىدە 7 جەنۇبىي كورېيەلىك قازا قىلغان

1-ئىيۇل خىتاينىڭ لياۋنىڭ ئۆلكىسىدە بىر ساياھەتچىلەر ئاپتوبۇسى كۆۋرۈكتىن چۈشۈپ كېتىپ، جەنۇبىي كورېيەلىك 7 ساياھەتچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 9 ئادەم قازا قىلغان. بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئىككىسى خىتاي پۇقراسى بولۇپ، بۇلارنىڭ بىرى شوپۇر، يەنە بىرى ساياھەت يېتەكچىسى ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ۋەقە لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ جىئەن شەھىرى بىلەن دەندوڭ شەھىرى ئارىسىدا يۈز بەرگەن. ئەسلى بۇ ئاپتوبۇس شىمالىي كورېيە بىلەن چېگرىلىنىدىغان دەندوڭ شەھىرىگە قاراپ يولغا چىققان ئىكەن.

خىتاينىڭ شىنخۇا ئاخباراتى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئاپتوبۇسىنىڭ كۆۋرۈكتىن چۈشۈپ كېتىشىگە نېمە سەۋەب بولغانلىقىدىكى تەپسىلاتلارنى ئاشكارىلىمىغان.