شەنبە كۈنى خىتايدا قاتتىق يامغۇر ئاپىتى يۈز بېرىپ 90 غا يېقىن ئادەم ئۆلگەن، نەچچە مىڭلىغان دەم تارقاقلاشتۇرۇلغان.
خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يامغۇردىن كېيىن چاڭجياڭ دەرياسى تېشىپ كېتىپ خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ كۆپ جايلىرىنى سۇ بېسىپ كەتكەن، نەتىجىدە خۇبېي ئۆلكىسىدە زىيان ئەڭ ئېغىر بولغان.
شىنخۇا ئاخباراتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە خۇبېي ئۆلكىسىدە كۆرۈلگەن ئاپەتتە ئاز دېگەندە 72 ئادەم ئۆلگەن، 78 ئادەمنىڭ دېرىكى بولمىغان. ئاز كەم 50 مىڭ ئۆي ئۆرۈلگەن.
خېنەندە كۆرۈلگەن ئاپەتتە 15 ئادەم ئۆلگەن، 8 ئادەمنىڭ ئىز - دېرىكى بولمىغان. 72 مىڭ ئادەم ئۆيلىرىنى تاشلاپ قېچىشقا مەجبۇر بولغان، 18 مىڭ ئۆي ۋەيران بولغان.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىمقى ئاپەتتە ئومۇمىي زىيان 20 مىليارد يۈەنگە، ئاپەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئادەم 8.6 مىليونغا يەتكەن.
يامغۇر ۋە يامغۇردىن كېيىن يۈز بەرگەن كەلكۈن ئا پىتىدە سۇ ئاستىدا قالغان دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى نەچچە مىليون مودىن ئېشىپ كەتكەن.
بۇ يىل ياز كىرگەندىن بۇيان خىتاينىڭ جەنۇبىي ئۆلكىسى ۋە چاڭجياڭ دەريا دېلتىسىغا جايلاشقان رايونلىرىدا ھۆل - يېغىن ۋە كەلكۈن ئاپەتلىرى كۆپ كۆرۈلگەن.
بۇ ئاينىڭ بېشىدا خىتاينىڭ تىبەت، گۇيجۇ، خۇنەن، خۇبېي، ئەنخۇي، يۈننەن، جياڭشى ۋە جياڭسۇ قاتارلىق ئۆلكىلىرى قاتتىق يامغۇر ئاپىتىگە ئۇچرىغان. خىتاي ئاخباراتلىرى بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە 222 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.