خىتاي رەھبەرلىرى قاتتىق زەربە بېرىشنى تەكىتلىمەكتە

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2013.06.30

29 - ئىيۇن كۈنى خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيوروسىنىڭ خىزمەت گۇرۇپپىسى تەركىبىدە ئۈرۈمچىگە كەلگەن سىياسىي بىيورونىڭ يەنە بىر نەپەر ئەزاسى مېڭ جيەنجۇمۇ ئۈرۈمچىدە قوراللىق ساقچى قىسىملىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، سۆز قىلىپ، قاتتىق زەربە بېرىش چاقىرىقى قىلغان.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مېڭ جيەنجۇ سۆزىدە 24 سائەتلىك چارلاش ئېلىپ بېرىش لازىملىقىنى كۆرسەتكەن.

شىنخۇانىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، يۈ جېڭشېن ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا قىلغان سۆزىدە «ئالدى بىلەن قول سېلىپ، تەشەببۇسكارلىق ئۇرۇشى قىلىش، تېررورچى - زوراۋان كۈچلەرگە قەتئىي قارشى تۇرۇش ۋە زەربە بېرىش، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي قوغداش» دەپ كۆرسەتكەن.

29 - ئىيۇن كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنىغا يەنە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشەن، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرى ۋە مىللىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى قاتارلىق بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرىي شەخسلەرمۇ قاتناشقان.

ئۆتكەن ھەپتىدە لۈكچۈندە يۈز بەرگەن توقۇنۇش ۋەقەسى ۋە خوتەندە يۈزبەرگەن ۋەقەلەر شۇنىڭدەك ئاپرىل ئېيىدا مارالبېشىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر بېيجىڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتىنى بۇ رايون مەسىلىسىگە قايتىدىن دىققەت قىلىشقا مەجبۇر قىلغان. بېيجىڭ مەركىزىي ھۆكۈمەت خىزمەت گۇرۇپپىسى ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۈرۈمچىدە كۆپ ساندىكى قوراللىق ساقچى قوشۇنلىرى برونوۋىكلارنىڭ قاتنىشىشىدا شەھەر ئايلىنىپ، كۈچ كۆرسىتىش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.