2025-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى خىتاينىڭ قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى خەن چۈنلىن «قازاقىستان بۈگۈن»، «سانائەت خەۋەرلىرى» ۋە «يىپەك يولى خەۋەرلىرى» قاتارلىق تاراتقۇلاردا «خىتاي بىلەن قازاقىستاننىڭ ھاياتىي كۈچكە تولۇپ تاشقان ئورتاق كەلگۈسىنى بەرپا قىلايلى» ماۋزۇلۇق ماقالە ئېلان قىلغان. ئۇ ماقالىسىدە، خىتاي بىلەن قازاقىستاننىڭ مۇناسىۋىتى ۋە ئۆزئارا ھەمكارلىقى ھەققىدە توختىلىپ، 2025-يىلى ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنىڭ پارلاق كەلگۈسىگە ئۈمىد بىلەن قارايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
خەن چۈنلىن ماقالىسىدە، خىتاي بىلەن قازاقىستاننىڭ «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى نىزامنامىسى» نىڭ پىرىنسىپلىرىغا رىئايە قىلغان ئاساستا ئۆزئارا ئىشىنىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، كۆپ خىل مەدەنىيەتلەرگە ھۆرمەت قىلىشتەك دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى شەكىللەندۈرگەنلىكىنى، شۇنىڭدەك ئىككى دۆلەتنىڭ تىنچلىقى ۋە رايون مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقانلىقىنى ماختاپ كۆككە كۆتۈرگەن.
«ياۋروپا تورى» (Euronet) نىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا، خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكى بولۇپ قالغان. 2023-يىلىنىڭ ئالدىنقى توققۇز ئېيىدا، خىتاينىڭ ئېكسپورتى قازاقىستان تاشقى سودىسىنىڭ 21.3 پىرسەنتىنى ئىگىلەپ، جەمئىي 21 مىليارد 700 مىليون دوللارغا يەتكەن. 2024-يىلىنىڭ ئالدىنقى 9 ئېيىدا قازاقىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئوبوروتى 33 مىليارد دوللارغا يەتكەن.
مۇتەخەسسىسلەر، خىتاينىڭ «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» دىن ئىبارەت بۇ سىياسىي ۋە ھەربىي گەۋدىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىن كېلىپ چىققان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى زور كۈچلەر بوشلۇقىنى تولدۇرۇشقا ئۇرۇنىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىمەكتە. ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى، دوكتور ئاندېرس كورنىڭ قارىشىچە، قازاقىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى خىتاي ئۈچۈن زور ئىستراتېگىيەلىك ۋە ئىقتىسادىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن. ئۇ، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى تەبىئىي گاز ۋە نېفىتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان غايەت زور ئېنېرگىيە مەنبەسىنىڭ خىتاينىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئورۇنغا ئىگە ئىكەنلىكىنى، شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ خىتاي دىپلوماتى خەن چۈنلىننىڭ خىتاي-قازاقىستان مۇناسىۋىتىنى ماختاپ كۆككە كۆتۈرۈۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.