خىتاي ھۆكۈمىتى قازاقىستان بىلەن تۆمۈر يول قاتنىشىنى كۈچەيتىشنى پىلانلىماقتا

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىن «تەڭرىتاغ تورى» ۋە «شىنجاڭ گېزىتى» تورىنىڭ 19-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى ما شىڭرۈي بىلەن ھۆكۈمەت رەئىسى ئەركىن تۇنياز 2-ئاينىڭ 19-كۈنى ئۈرۈمچىدە قازاقىستان دۆلەتلىك تۆمۈر يول شىركىتى دىرېكتورى ساۋلانبويېۋ باشچىلىقىدىكى ئۆمەك بىلەن كۆرۈشكەن. سۆھبەتتە ئۇلار نۇقتىلىق قىلىپ ئۇيغۇر ئېلى بىلەن قازاقىستان ئوتتۇرىسىدىكى تۆمۈر يول قاتنىشى ۋە مال توشۇش لىنىيەسىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى مۇزاكىرىلەشكەن.

ما شىڭرۈي بۇ يىغىندا خىتاينىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىدا مۇھىم رول ئويناۋاتقان تۆمۈر يول قاتنىشى ۋە مال توشۇش يوللىرىنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش، چۆچەك-ئاياگۇز تۆمۈر يولى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ساۋلانبايېۋمۇ ئىككى تەرەپنىڭ سودىسى ۋە مۇھىم ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى توختىتىش ھەققىدە سۆھبەتكە كېلىشى ۋە خىتاينىڭ بۇنىڭغا ئارىلاشتۇرۇلماسلىقى خىتايدا «بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشى» نىڭ ئىستىقبالىدىن ئەنسىرەش پەيدا قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە ئېلىپ بېرىلغان بۇ سۆھبەت، خىتاينىڭ خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى داۋالغۇشلارغا كۆرە تەدبىر ئېلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.

قازاقىستاندا ياشاۋاتقان ئىقتىسادىي جۇغراپىيە مۇتەخەسسىسى شەرىپجان نادىروف رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، چوڭ سىياسىي جۇغراپىيە كۈچلىرى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى، بۇلارنىڭ ئارىسىدا قالغان قازاقىستاندەك دۆلەتلەرنىڭ رۇسىيە بىلەن خىتايدىن تەڭ پايدىلىنىشى كېرەكلىكىنى، ئەڭ مۇھىمى تېخنىكا ۋە ساپادا ئۆزىنى كۈچلەندۈرۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەنىدى.