قازاقىستان تۇران تېلېۋىزىيەسى خىتاينىڭ تەكلىپى بويىچە ئىلى ۋىلايىتىدە پروگرامما ئىشلەشكە باشلىغان

خىتاي بىلەن قازاقىستان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، خىتاي دائىرىلىرى قازاقىستان تاراتقۇلىرىنى ئۇيغۇر رايونىغا كىرگۈزۈپ، يېڭى تەشۋىقات دولقۇنىنى قوزغىغان.

«خىتاي خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 29-ماي كۈنى بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، قازاقىستان تۇران تېلىۋىزىيەسىنىڭ سۈرەتكە ئېلىش گۇرۇپپىسى تەكلىپكە بىنائەن ئۇيغۇر رايونىغا كېلىپ، 5-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن 27-كۈنىگىچە ئىلى ئوبلاستىنىڭ قورغاس، كۈنەس، نىلقا، توققۇزتارا ۋە غۇلجا ناھىيەلىرىدە پروگرامما ئىشلەش ئۈچۈن زىيارەت ئېلىپ بارغان. ئۇلار ئاساسلىقى ئۇيغۇر رايونىنىڭ مەشھۇر ساياھەت نۇقتىلىرىنى تونۇشتۇرۇپ پروگرامما ئىشلەيدىكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، 2024-يىل خىتاينىڭ «قازاقىستان ساياھەت يىلى» بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى قازاقىستانغا كۆپلەپ ساياھەتچى ئەۋەتىشتىن ئىلگىرى خىتاينىڭ قازاقىستانغا يېقىن كېلىدىغان ساياھەت نۇقتىلىرى ۋە قازاقلارنىڭ تۇرمۇشىنى ئۇلارغا كۆرسىتىپ، «خىتاي بىلەن قازاقىستان ئوتتۇرىسىدىكى چۈشىنىش ۋە دوستلۇق»نى ئىلگىرى سۈرمەكچى بولغان.

تۇران تېلىۋىيەسى سۈرەتكە ئېلىش گۇرۇپپىسى ئىلى ۋىلايىتىدىكى ناھىيەلەرنى ۋە چىرايلىق تاغ-دەريالارنى، «بەختلىك ياشاۋاتقان خەلق»نى كۆرۈپ، گويا «شېۋىتسارىيەنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى كۆرگەندەك» بولغانلىقىنى، قازاقلارنىڭ تۇلپار ئۇسسۇلى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ چىنە ئۇسسۇلىنى كۆرۈپ، «ئۆزگىچە تەسىرات ئالغانلىقى »نى بىلدۈرۈشكەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، قازاقىستاننىڭ دۆلەتلىك تاراتقۇسى ئۇيغۇر رايونىدا ئەمەلىي زىيارەت ئېلىپ بېرىپ، سىن كۆرۈنۈشلىرى ئارقىلىق «شىنجاڭنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى»نى ئاڭلاتماقچى ۋە «شىنجاڭ ھېكايىسى»نى ئوتتۇرا ئاسىياغا تونۇشتۇرماقچى بولغان ئىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىنى زىيارەت قىلىش تەلەپلىرىنى رەت قىلىپ، خىتاي بىلەن مۇناسىۋىتى يېقىن بولغان ياكى ئىقتىسادىي جەھەتتىن خىتايغا بېقىنىپ قالغان ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ تاراتقۇلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، ئۇيغۇر رايونى ھەققىدىكى تەشۋىقاتلىرىنى بازارغا سېلىشى، كۈچلۈك دىققەت قوزغىماقتا.

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت، جۈملىدىن قازاقىستان پرېزىدېنتىنى خىتايغا تەكلىپ قىلىپ، «دوستلۇق ۋە تەرەققىيات»نى يېڭى پەللىگە كۆتۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىغانىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش ئۈچۈن مەدەنىيەت ئالاقىسى ۋە ساياھەتچىلىكنى كۈچەيتىشنى پىلانلىغان بولۇپ، تەشۋىقاتمۇ ئۇنىڭ مۇھىم بىر تۈرىگە ئايلانغان. قازاقىستاندا ياشاۋاتقان گىئو-ئىقتىساد مۇتەخەسىسى شېرىپجان نادىروف ئەپەندىنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ مەقسىتى قازاقىستاننىڭ بايلىقىنى ھەربىي كۈچ بىلەن ئەمەس، بەلكى يۇمشاق كۈچ، يەنى تەشۋىقات ۋە مەدەنىيەت سىڭدۈرمىچىلىكى بىلەن ئىگىلەش ئىكەن.