خىتاينىڭ «‹ئۇيغۇر دۈشمەنلەر›گە قارشى ئۇيغۇر قەھرىمان» ئوبرازى دىققەت قوزغىدى

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى مەزگىللەردە ئۆزلىرىنىڭ «تېررورلۇققا ۋە ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش» ھەرىكىتى جەريانىدا بارلىققا كەلگەن كۆپلىگەن ئۇيغۇر «قەھرىمانلار» نى بازارغا سېلىشى دىققەت قوزغىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 22-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2016-يىلى 10-سېنتەبىردە «تېررورچىلار» نى تۇتۇش كۈرىشىدە بومبا پارتلاپ ئۆلۈپ كەتكەن غەيرەت مامۇتقا كېيىنچە «مەملىكەتلىك ج خ سېپىدىكى بىرىنچى دەرىجىلىك قەھرىمان»، «خەلق قەھرىمانى» دېگەندەك ناملارنى تەقدىم قىلغان. ئۆلۈپ كەتكەن ۋاقىتتا 47 ياشقا كىرگەن غەيرەت مامۇت گۇما ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى (ج خ) ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولۇپ ئىشلەۋاتقان ئىكەن. خەۋەردە ئالاھىدە قىلىپ غەيرەت مامۇتنىڭ «تېررورچىلارغا قارشى جەڭ» دىن كېيىن «دۈشمەنلەرگە جەزمەن قاتتىق قول بولۇشىمىز لازىم» دېگەن سۆزنى كۆپ قېتىم قىلغانلىقى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈلگەن. شۇنىڭدەك ئۇنىڭ چوڭ قىزى گۈلمىرەنىڭ 2018-يىلى ئاتىسىنىڭ ئىزىنى بېسىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ساقچى خادىمى بولغانلىقى تەكىتلەنگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل تەشۋىقاتلىرى ھەققىدە پىكىر بايان قىلغان ئامېرىكادىكى مۇستەقىل ئانالىزچى ئېلشات ھەسەن بۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇزۇندىن بۇيان ئىجرا قىلىپ كەلگەن «ئۆز يېغىدا ئۆز گۆشىنى قورۇش ھىيلىسى» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ ؛ «ئەينى ۋاقىتتا غېنى باتۇر شەرقىىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ‹خەلق قەھرىمانى› بولغان. ئەمدىلىكتە غەيرەت مامۇتقا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ‹خەلق قەھرىمانى› دەپ بىر ئالدامچى نامنى ھەدىيە قىلىشى مېڭىسى يۇيۇلۇپ كەتكەن، دۈشمەن بىلەن قېرىنداشنىڭ پەرقىنى ئۇنتۇپ كەتكەن تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇرلارنى ئالداشتىن باشقا نەرسە ئەمەس» دېدى.