«خىتاي-قىرغىزىستان-ئۆزبېكىستان» تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىنىڭ بۇ يىل ئۆكتەبىردە باشلايدىغانلىقى مەلۇم

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئىرادە تەييارلىدى
2024.08.08

«خىتاي-قىرغىزىستان-ئۆزبېكىستان» تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى بۇ يىل ئۆكتەبىردە رەسمىي باشلىنىدىكەن. 1990-يىللاردىن بېرى قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستاننىڭ ماقۇللۇقىغا ئېرىشەلمەي كېلىۋاتقان قەشقەر-پەرغانە ئارىسىدىكى «خىتاي-قىرغىزىستان-ئۆزبئېكىستان تۆمۈريولى قۇرۇلۇشى» كېلىشىمى بۇ يىل 6-ئايدا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن «ھۆكۈمەتلەر ئارا كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمى» بىلەن ئىمزالانغانىدى.

ئۆزبېكىستاننىڭ «كۈن» ناملىق خەۋەرلەر تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «قىرغىزىستان تۆمۈر يولى» ئورگىنىنىڭ پايتەخت قۇرۇلۇش بۆلۈمى باشلىقى رىسكۇلبېك جۇمابايېف سۆزىدە ئۆكتەبىردە باشلىنىدىغان بۇ قۇرۇلۇشنىڭ ياۋرو-ئاسىيا تىرانسپورت كارىدورىنىڭ جەنۇبىي تارمىقىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىدىغانلىقىنى، مەزكۇر خەلقئارالىق تۈرنىڭ قىرغىزىستاننىڭ جۇغراپىيەلىك يەككە-يېگانىلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خەۋەردە يەنە، قىرغىزىستاننىڭ «خىتاي-قىرغىزىستان-ئۆزبېكىستان» تۆمۈر يولى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن خىتاي بانكىلىرىدىن قەرز ئالماقچى بولۇۋاتقانلىقى، ئومۇمىي قۇرۇلۇش ئۈچۈن كېتىدىغان مەبلەغنىڭ ئالاھازەل 4 مىليارد 700 مىليون دوللار ئەتراپىدا ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان.

ھالبۇكى، ئۇزۇن يىللاردىن بېرى قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستان خىتاي بىلەن بولغان مۇساپىنى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئازايتىدىغان بۇ تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىغا گۇمان ۋە ئەندىشە بىلەن قاراپ كېلىۋاتاتتى. مەزكۇر تۈرنىڭ يېقىندىن بۇيان خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئالاھىدە كۈچەيتىشى ۋە تۇيۇقسىزلا كۆپىيىپ كەتكەن دىپلوماتىك بېرىش-كېلىشلىرىنىڭ مەركىزى نۇقتىسى بولغانلىقى مەلۇم. خىتاي تاراتقۇلىرىدا، بۇ تۆمۈريول قۇرۇلۇشىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى تېزلىتىش ما شىڭرۇينىڭ ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستاندا ئېلىپ بارغان زىيارىتىنىڭ كۈنتەرتىپىدىكى مۇھىم تېمىلارنىڭ بىرى بولغانلىقى خەۋەر قىلىنغانىدى.

«خىتاي-قىرغىزىستان-ئۆزبېكىستان تۆمۈريولى قۇرۇلۇشى» پۈتسە مال توشۇش يوللىرى زور دەرىجىدە قىسقىرايدىكەن. قەشقەردىن قىرغىزىستان ئارقىلىق ئۆزبېكىستاننىڭ ئەنجان شەھىرىگە بارىدىغان مەزكۇر «قەشقەر-تورغات-ئوش-ئەنجان لىنىيەسى» دىكى بۇ تۆمۈريول مۇساپىسى 523 كىلومېتىر بولىدىكەن.

ھالبۇكى، قەشقەر بىلەن پەرغانە ئارىسىدىكى بۇ تۆمۈريول ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىنى ئاساسى ئەمگەك كۈچى مەنبەسى قىلغان ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن قاتارلىق جايلاردىكى خىتاي كارخانىلىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىگە ۋە «بىر بەلباغ بىر يول» لىنىيەسىدىكى دۆلەتلەرگە ئېكسپورت قىلىشىنى تېخىمۇ ئاسانلاشتۇرامدۇ، دېگەن سوئاللارنى پەيدا قىلماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇ دۆلەت ھالقىغان تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى خىتاي تەشەببۇس قىلىۋاتقان «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، بۇ قۇرۇلۇش ئامېرىكا ۋە غەرب ئەللىرىدە ئاتىلىپ كېلىۋاتقان «خىتاينىڭ قەرز تۇزىقى» نىڭ ئىپادىسى ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.