خىتاينىڭ «قولى» نىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگىچە يېتىپ كەلگەنلىكى مۇنازىرە قوزغىدى

خىتاينىڭ ئىقتىسادىي كۈچىنى ئىشقا سېلىپ تۇرۇپ باشقا دۆلەتلەر ھۆكۈمەتلىرىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى يېقىندىن بۇيان كۈچلۈك مۇنازىرە تېمىسى بولماقتا.

بۇ ھەقتە «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ ئىپادىلىرى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىمۇ ئاللىقاچان كۆرۈلگەنلىكى مەلۇم.

خەۋەرنىڭ ئاپتورى جوش روگىننىڭ ئېيتىشىچە، ئۆتكەن ئاي ئامېرىكىنىڭ مونتانا شىتاتىدىن بولغان پالاتا ئەزاسى سىتىۋ دېينى مونتانا شتاتىنىڭ خىتايغا 200 مىليون دوللار قىممىتىدە كالا گۆشى سېتىش ھەققىدە سودىلاشقانلىقىنى جاكارلىغان. ئۇزۇن ئۆتمەيلا خىتاي بۇنىڭ پايدىسىنى كۆرگەن. يەنى 5-دېكابىر كۈنى، پالاتا ئەزاسى سىتىۋ دېينى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تىبەتكە مەسئۇل رەھبەرلىرىنى كۈتۈۋالغان. ئارقىدىنلا خىتاينىڭ «خەلق گېزىتى»، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەتتە مۇھىتنى قوغداش ۋە ئۇ يەردىكى مىللىي مەدەنىيەتنى قوغداش يولىدا قىلىۋاتقان خىزمەتلىرىگە يۇقىرى باھا بەردى، دەپ خەۋەر تارقاتقان.

جوش روگىننىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا پالاتا ئەزاسى دېينىنىڭ يۇقىرىدىكى بىر مىسالنىڭ ئۆزىلا خىتاينىڭ ئىقتىسادىي كۈچنى قوللىنىپ، باشقا دۆلەتلەر سىياسىتىگە، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ خىتاينى تەنقىدلەيدىغان تەنقىدىي پىكىرلىك سىياسەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن. ئۇ ماقالىسىدە «ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا پالاتا ئەزالىرىنى ئۆزىنىڭ دېپىنى چالىدىغان قىلىۋەتكەن بولسا، ئۇ ھالدا ۋەزىيەت بىز ئويلىغاندىنمۇ ئېغىر،» دەپ ئاگاھلاندۇرغان.

يېقىندا ئاۋسترالىيە ۋە يېڭى زېلاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەر پارلامېنتلىرىدىمۇ خىتاي بىلەن چېتىشلىقى بار بەزى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قىلمىشلىرى ئاشكارىلىنىپ، زور غۇلغۇلا پەيدا قىلغان ئىدى.