خىتاي «شىنجاڭ قوراللىق ساقچى قىسىملىرى» نىڭ مۇئاۋىن شتاب باشلىقىنى ئازادلىق ئارمىيەنىڭ خوڭكوڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملىرىنىڭ قوماندانلىقىغا يۆتكىگەن

خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇن جەريانىدىكى باستۇرۇشتا ئاكتىپ رول ئوينىغان «شىنجاڭ قوراللىق ساقچى قىسىملىرى» نىڭ مۇئاۋىن شتاب باشلىقى پېڭ جىڭتاڭنى خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ خوڭكوڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملىرىنىڭ قوماندانلىقىغا يۆتكىگەن. «بلۇمبېرگ خەۋەرلىرى» ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شى جىنپىڭنىڭ قارارى خىتاينىڭ خوڭكوڭدا تېخىمۇ قاتتىق بىخەتەرلىك ۋاسىتىلىرىنى ئىشلىتىشىگە بولغان ئەندىشىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن.

خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، شى جىنپىڭنىڭ تەلىپىگە بىنائەن گېنېرال مايور پېڭ جىڭتاڭنىڭ ئازادلىق ئارمىيەنىڭ خوڭكوڭ گارنىزون قوماندانلىقىغا تەيىنلەنگەنلىكى ئېيتلغان. بۇنىڭدىن بۇرۇن پېڭ جىڭتاڭ «شىنجاڭ قوراللىق ساقچى قىسىملىرى باش ئەترىتى» نىڭ مۇئاۋىن شتاب باشلىقىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن بولۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى سىياسىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، پېڭ جىڭتاڭ خىتاينىڭ 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇنى جەريانىدىكى ئاتالمىش «تېررورلۇققا» قارشى تۇرۇش ھەرىكەتلىرىدە ئىنتايىن ئاكتىپ رول ئوينىغانىكەن. ئۇ بۇ مەزگىلدە «شىنجاڭ قوراللىق ساقچى قىسمى» نىڭ «تاغ بۈركىتى» ناملىق ئالاھىدە ئەترىتىنىڭ كوماندىرىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن.

خىتاي تاراتقۇلىرىدا «تاغ بۈركىتى» ناملىق بۇ ئەترەتنىڭ 2016-يىل كېيىن تەشكىل قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. پېڭ جىڭتاڭ 2019-يىلى خىتاينىڭ «يەرشارى ۋاقتى» گېزىتىگە قىلغان بىر قېتىملىق سۆزىدە، «تاغ بۈركىتى» ئەتىرىنىڭ 2018-يىلى ئىشلەتكەن ئوق-دورىلىرى «شىنجاڭ قوراللىق ساقچى قىسمى» نىڭ تېررورلۇققا قارشى قالغان ئالاھىدە ئەترەتلىرىدىن ئۈچ ھەسسە كۆپ بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن ئۇ، بۇ ئۈچ ھەسسە كۆپ ئوق-دورىنىڭ نېمىگە ئىشلىتىلگەنلىكىنى ئېيتمىغان.