خىتاي قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنىڭ قوماندانلىق ھوقۇقىنى نېمە ئۈچۈن ھەربىيلەر ئۆتكۈزۈۋالدى؟

خىتاينىڭ بىر مىليون 500 مىڭ كىشىلىك خىتاي قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنىڭ قوماندانلىق ھوقۇقى 1‏-يانۋاردىن باشلاپ خىتاي مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى. خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى ئۆتكەن يىلى نويابىردا قارار ماقۇللاپ، خىتاي قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنىڭ قوماندانلىق ھوقۇقى مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدىغانلىقى، بۇنىڭ 1‏-يانۋاردىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

خىتاي قوراللىق ساقچى قىسىملىرى 1982‏-يىلى قۇرۇلغاندىن بېرى ئىزچىل خىتاي دۆلەت كابىنېتى ۋە مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ تەڭ باشقۇرۇشىدا بولۇپ كەلگەن. خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قارارىنى زور ھەربىي ئىسلاھات، دەپ جاكارلىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرمىگەن ئىدى. لېكىن خوڭكوڭ «جەنۇبىي خىتاي سەھىرى پوچتا گېزىتى» نىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان ماقالىسىدە كۆرسىتىشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ قارارغا كېلىشىدە 2012‏-يىلى بو شىلەينىڭ سىچۈەندىكى قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنى يۆتكەپ كېلىپ، ئامېرىكا كونسۇلخانىسىنى قورشىۋېلىشى ھالقىلىق رول ئوينىغان.

ماقالىدە، خىتاي قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنى ھەم دۆلەت كابىنېتى ھەم ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ تەڭ باشقۇرۇشى ئۇنى ھەر قايسى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ يەرلىك قوراللىق قىسىملىرىغا ئايلاندۇرۇپ قويغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. ماقالىدە قايت قىلىنىشىچە، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ھەر قايسى ئۆلكىلەرنىڭ ئۆز تەۋەسىدىكى قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنى ئىشقا سېلىپ، مەركىزى ھۆكۈمەتكە قارشى چىقىشىدىن ئەندىشە قىلىشقا باشلىغان. ماقالىدە، خىتاي مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ سۆزنى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، «قوراللىق ساقچى قىسىملار ئەمەلىيەتتە يەرلىك قوراللىق كۈچلەرگە ئايلىنىپ قالغان ئىدى» دېيىلگەن.

ماقالىدە قەيت قىلىنىشىچە، بۇ ئەندىشە خىتاي دۆلەت كابىنېتىنىڭ قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنى باشقۇرۇش ھوقۇقى بىكار قىلىنىپ، ئۇنىڭ قوماندانلىق ھوقۇقىنىڭ مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشىدە ھالقىلىق رول ئوينىغان. 2012‏-يىلى چوڭچىڭ شەھەرلىك ج خ نازارىتىنىڭ نازىرى ۋاڭ لىجۈن بىلەن چوڭچىڭ شەھىرىنىڭ پارتىيە سېكرېتار بۆ شىلەي ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش پارتلاپ، ۋاڭ لىجۈن ئامېرىكا كونسۇلخانىسىغا قېچىپ كىرىۋالغان. بۆ شىلەي قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنى يۆتكەپ كېلىپ كونسۇلخانىسى قورشىۋالغان ئىدى.