خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ 18 - قۇرۇلتىيىنىڭ 2 - ئومۇمىي يىغىنى كېلەر ھەپتىنىڭ ئىككىنچى كۈنى باشلىنىپ، ئۈچ كۈن داۋاملىشىدۇ. يىغىندا كۆپلىگەن مەسىلىلەر قاتارىدا مەمۇرىي ئىسلاھات مەسىلىسىنىڭ مۇھىم تېما بولىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.
خىتاينىڭ شىنخۇئا قاتارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بۇ ھەقتە ئۇچۇرلارنى تارقاتقان بولۇپ، ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقى بۇ يىغىندا مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ ئىسلاھاتىنىڭ ئالدىنقى ئورۇننى ئىگىلەيدىغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇرلارنى تارقاتتى.
خىتاينىڭ «مالىيە» ژۇرنىلى بۇ قېتىمقى يىغىندىكى مەمۇرىي ئىسلاھاتنىڭ ئاساسلىقى دۆلەت ئىشلىرى كابىنېتىغا تەۋە بولغان خەلق ئىشلار مىنىستىرلىكى، يېمەك - ئىچمەك بىخەتەرلىكى كومىتېتى بىلەن يېمەك - ئىچمەك بىخەتەرلىكىنى كۆزىتىش ئورگانلىرى، دېڭىز - ئوكيان ئىدارىسى، تۆمۈر يول ۋە قاتناش تارماقلىرى ھەم باشقىلارغا قارىتىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.
كۆزەتكۈچىلەر بۇ ئورۇنلارنىڭ مەمۇرىي ئىسلاھاتىنىڭ ھازىر خىتايدا جىددىي تەلەپ قىلىنىۋاتقان مەسىلىلەر بىلەن چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. ئالدىنقى يىللاردا تۆمۈر يول، قاتناش، يېمەك - ئىچمەك بىخەتەرلىكنى، دېڭىز - ئوكيان چارلاش ۋە باشقۇرۇش تارماقلىرىدا كۆپلىگەن ھەر خىل مەسىلىلەر كۆرۈلگەن ئىدى.
پەرەز قىلىنىشىچە، بەلكى 2 - ئومۇمىي يىغىندا جۇڭگو كومپارتىيىسى باش سېكرىتارى شى جىنپىڭ دۆلەت رەئىسى، سىياسىي بيۇرو دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى لى كېچاڭ باش مىنىستىر بولۇش مۇمكىن ئىكەن.