خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىنى بېيجىڭدا باشلاندى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2017.03.05


5-مارت كۈنى خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يىلدا بىر قېتىم ئېچىلىدىغان يىغىنى بېيجىڭدا باشلاندى.

قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا خىتاي كومپارتىيىسى سىياسىي بيۇروسىنىڭ يەتتە نەپەر دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى تولۇق قاتناشقان بولۇپ، باش مىنىستىر لى كېچياڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەرگەن.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىلى كېچياڭ دوكلاتىدا ئاساسلىقى تۆت نۇقتىنى تەكىتلىگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى مۇھىملىرىدىن بىرى خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات مەسىلىسى بولۇپ، ئۇ 2017-يىلى خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ئۆسۈش سۈرئىتىنىڭ 6.5 % بولۇشى پەرەز قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ يەنىلا دۇنيادا ئىقتىساد تەرەققىيات سۈرىتى تېز ئۆسۈۋاتقان مەملىكەت ھېسابلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، لى كېچياڭ نۇتقىدا كۆپ قېتىم«شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزى كومىتېتى» دېگەن ئىبارىنى ئىشلەتكەن. ئىككى كۈن ئالدىدىكى سىياسىي كېڭەش يىغىنىدا، سىياسىي كېڭەش رەئىسى يۈ جېڭشېڭمۇ مەزكۇر سۆزنى كۆپ قېتىم تەكىتلىگەن ئىدى.

ئانالىزچىلار، ئۇلارنىڭ بۇ تەكىتلەشلىرىنى شى جىنپىڭنىڭ خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 19-قۇرۇلتىيىدا داۋاملىق ئۆز ئورنىنى ساقلاپ قالىدىغانلىقىنىڭ بېشارىتى دەپ قارىماقتا.

لى كېچياڭ ئۆز نۇتقىدا تەيۋەن مەسىلىسىنى تەكىتلەپ، «ھەر قانداق ئادەمنىڭ ھەر قانداق شەكىلدە ۋە ھەر قانداق نامدا تەيۋەننى ۋەتەندىن ئايرىپ چىقىشىغا قەتئىي يول قويمايمىز» دېگەن.

ئۇ خوڭكوڭ مەسىلىسىدە، «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم»، «خوڭكوڭلۇقلار خونكوڭنى ئىدارە قىلىش»تىن ئىبارەت «يۇقىرى دەرىجىدىكى ئاپتونومىيە سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى»نى ۋە «خوڭكوڭ مۇستەقىللىقىنىڭ چىقىش يولى يوقلۇقى»نى ئەسكەرتكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.