خىتاينىڭ 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدىغان ئاتالمىش «شىنجاڭ ۋەكىللىرى»نىڭ تەركىبى دىققەت قوزغىماقتا

خىتاينىڭ 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5- مارت كۈنى بېيجىڭدا باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا. مەزكۇر قۇرۇلتايغا ئۇيغۇر ئېلىدىن بارىدىغان ئومۇمىي ۋەكىل سانى 60 نەپەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاران 22 نەپىرى ئۇيغۇر.

خىتاي ھۆكۈمىتى تارقاتقان رەسمىي نوپۇس ئىستاتېسكىلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 11 مىليوندىن ئارتۇق دېيىلگەن بولۇپ، بۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 45 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ. خىتاي نوپۇسى بولسا 10 مىليون بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 40 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ. ھالبۇكى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيغا بارغان 60 ۋەكىل ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاران 22 نەپەر بولۇشى، كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.

كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي تارقاتقان ھۆكۈمەت ئىستاتېسكىسىغا ئاساسلانغاندىمۇ ئاتالمىش «شىنجاڭ ۋەكىللىرى» ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ ۋەكىللىك ئورنىغا ئېرىشىشى لازىملىقىنى تەكىتلەشمەكتە. ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە «ئۇيغۇرلارنىڭ رايوندىكى ۋەكىللىك ئورنىنىڭ قەستەن ئازلىتىلىۋاتقانلىقىنى» ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

خىتاينىڭ شىنخۇا تورىدا تارقىتىلغان تىزىملىككە قارىغاندا، خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتايغا قاتنىشىدىغان ئۇيغۇر ۋەكىللەر ئەركىن تۇنىياز، شۆھرەت زاكىر ۋە زۇمرەت ئوبۇل قاتارلىق خىتاي كومپارتىيەسىگە قاتتىق سادىقلىقى بىلەن تونۇلغان ئاتالمىش «ۋەكىل»لەردىن تەركىب تاپقان ئىكەن.

خىتاينىڭ 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تۇنجى يىغىنى 2023-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى باشلىنىدىغان بولۇپ، خىتاي خەلق سىياسى مەسلىھەت كېڭىشى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ بىرىنچى يىغىنىمۇ ئوخشاش ۋاقىتتتا، يەنى 2023-يىلى 4-مارت كۈنى باشلىنىدىكەن.

شى جىنپىڭ باشچىلىقىدىكى خىتاي نۆۋەتتە رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قاراتقان تاجاۋۇزچىلىقىنى قوللىشى، ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشى ۋە دۆلەت ئىچى – سىرتىدا قاتتىق قوللۇق «چىلبۆرە سىياسىتى» يۈرگۈزۈشى بىلەن ئەيىبلەنمەكتە. مۇشۇنداق بىر پەيتتە ئېچىلىدىغان بۇ «ئىككى قۇرۇلتاي» خەلقئارانىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.