خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىنىدا تىل ۋە يېزىق قانۇنىنى تۈزۈش تەكلىپى بېرىلگەن

«شىنجاڭ كۈندىلىك گېزىتى» نىڭ 4-مارتتىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، «شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى» خىتاينىڭ 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئۈچىنچى يىغىنىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن. ئۇلار تىل ۋە يېزىق قانۇنى ۋە جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئونلارچە قانۇن لايىھەسى ۋە تەكلىپ لايىھەلىرىنى تاپشۇرغان.

مەزكۇر خەۋەردە دېيىلىشىچە، «شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى» دە جەمئىي 59 ۋەكىل بار بولۇپ، ئۇيغۇر ۋە خىتاي قاتارلىق 11 مىللەتتىن تەركىب تاپقان.

خىتايدىكى «جەنۇبىي ئاستانە» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قانۇن-تۈزۈم كومىتېتى مىللىي رايونلارنىڭ ئۆز تىلىدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىشىنى خىتاينىڭ «ئاساسى قانۇنغا خىلاپلىق› دەپ ئېلان قىلغانىدى. بۇ, خىتاي قانۇن چىقىرىش ئورگىنىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى 2017-يىلى 7-ئايدا ھۆججەت چۈشۈرۈپ، رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلىنى بىردەك چەكلىگەندىن بېرى تۇنجى قېتىم بۇ خىل چەكلىمىگە چۈشەنچە بەرگەنىدى.

خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قانۇن-تۈزۈم كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شېن چۈنياۋ، 13-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 26-قېتىملىق يىغىنىدا بەرگەن 2020-يىللىق خىزمەت دوكلاتىدا مۇنداق دېگەن: «خىتاينىڭ بىر قىسىم يەرلىك قانۇن-بەلگىلىمىلىرىدىكى ھەر دەرىجىلىك ھەر خىل مەكتەپلەردە ئۆز مىللىتىنىڭ تىل-يېزىقىنى ئىشلىتىش ياكى شۇ مىللەتنىڭ ئورتاق تىلىدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك، دېگەن بەلگىلىمە ئاساسى قانۇن بىلەن بىردەك ئەمەس، ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ بۇنى تۈزىتىشى تەلەپ قىلىندى».

شېن چۈنياۋنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ يەرلىك بەلگىلىمىلەر ئاساسى قانۇننىڭ 19-ماددىسىدىكى «دۆلەت ئورتاق تىلىنى ۋە ئورتاق تىل-يېزىق قانۇنىنى ئالغا سۈرىدۇ» دېگەن ماددىغا خىلاپ ئىكەن. كۆزەتكۈچىلەر، خىتاينىڭ ئۇيغۇر تىلىنى مائارىپتا چەكلىگىنىگە 7 يىلدەك بولغان بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭغا ئەمدىلىكتە «قانۇنىي ئاساس» ئويدۇرۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى مۇھاجىرەتتىكى كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى چەكلەش توغرىسىدىكى قارارىنى خىتاينىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بارغان «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» ۋە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمى» دەپ ئەيىبلەپ كەلمەكتە. ئاتالمىش «شىنجاڭ ۋەكىللىرى» نىڭ يىغىندا ئوتتۇرىغا قويىدىغان تىل مەسىلىسىگە ئائىت قانۇن لايىھەسىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر تىلىنى مائارىپ ۋە باشقا ساھەلەردە يوقىتىش سىياسىتىنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشىدىغانلىقى، ھەرگىزمۇ ئۇيغۇر تىلىنى مائارىپتا قوللىنىشىنى قوغداشنى تەلەپ قىلمايدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.