دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ جۈمە كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا خىتايدا يەنە 4 ئادەم قۇش زۇكىمى ۋىرۇسى بىلەن ئۆلگەن بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن مەزكۇر زۇكامدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 36 غا يەتكەن.
بۇ يىل مارتتىن باشلاپ خىتايدا تارقالغان H7N9 تىپلىق قۇش زۇكىمى خىتاينىڭ شاڭخەي ۋە قوشنا رايونلارغا تەھدىت سالغان ھەمدە خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدىمۇ ھەر خىل ۋەھىملەرنى پەيدا قىلغان ئىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر زۇكامنىڭ قۇشتىن - قۇشقا يۇقۇش ئىقتىدارى ئىلگىرى زۇكاملارغا قارىغاندا ئالاھىدە يۇقىرى بولۇپ، بۇ مۇتەخەسسىسلەرنى ئەندىشىگە سالغان.
ھالبۇكى، مەزكۇر زۇكامنىڭ تارقىلىشى 8 - مايدىن بېرى مۇئەييەن دەرىجىدە تىزگىنلەنگەن ۋە شۇندىن كېيىن يېڭىدىن يۇقۇملانغانلار بايقالمىغان.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى نۆۋەتتە خىتايدىكى يۇقۇم ئەھۋالىغا يېقىندىن دىققەت قىلماقتا.