خىتاي ھۆكۈمىتى قۇياش ئېنىرگىيەسى تاختىسىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن چېتىشلىق ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمىگەن

خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكاغا ئېكسپورت قىلغان قۇياش ئېنىرگىيەسى تاختىسىغا ئىشلىتىلگەن خام ئەشيانىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن چېتىشلىق ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمىگەن.

«ئامېرىكا خەۋەرلىرى» تورىدا ئېلان قىلىنغان مەزكۇر خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» (UFLPA) ئىجرا قىلىنغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ ئامېرىكاغا زور مىقداردا ئېكسپورت قىلىۋاتقان قۇياش ئېنىرگىيەسى تاختىسى، پاختا توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى ۋە باشقا ماللىرى تاموژنىدا تۇتۇپ قېلىنىۋاتقان بولۇپ، خىتاي شىركەتلىرى بۇ مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىشتا ئۇيغۇرلارنى قۇل قىلىپ ئىشلەتمىگەنلىكى ھەققىدە ھېچقانداق ئىسپات كۆرسىتىپ بېرەلمىگەن.

ئامېرىكا تاموژنىسى خىتاي شىركەتلىرىدىن قۇياش ئېنىرگىيەسى تاختىسىغا ئىشلىتىلىدىغان كىرستاللىق كىرېمنىنىڭ مۇھىم ماددىسى بولغان كۇئارتىزنى قېزىش ئىشلىرىغا مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشلەتمىگەنلىكىنى ئىسپاتلاشنى تەلەپ قىلغان، ئەمما خىتاي شىركەتلىرى بۇنى ئىسپاتلاپ بېرەلمىگەن؛ مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر رايونىدىكى كىرىمنېي ۋە كۇئارتىز كانلىرىدا مەجبۇرىي ئەمگەك سېلىنىۋاتقانلار كۆپ بولۇپ، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى تۈرمە-قاماقخانىلارغا ياكى ئاتالمىش «قايتا تەربىيەلەش ئورۇنلىرى» غا سولانغانلار ئىكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەردە قۇياش ئېنىرگىيەسى تاختىسىغا بولغان ئېھتىياج ئېشىپ بارغانچە، خىتايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك دەپسەنچىلىكى تېخىمۇ ئېغىرلايدىكەن. ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ رايوندا مۇستەقىل تەكشۈرۈشكە يول قويمىغانلىقى ئۈچۈن خىتاينىڭ تەمىنلەش لىنيەسىدە ئۇيغۇرلارنى قۇل قىلىش جىنايىتىنىڭ ئارىلىشىپ قالغان-قالمىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىش ناھايىتى مۈشكۈل ئىكەن.