خىتاي ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ راداردا كۆرۈنمەس ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى نەتىجىلىك سىناق قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
ب ب س نىڭ خىتاي ئاخباراتلىرىدىن نەقىل ئېلىپ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي « شەمشەر» ناملىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى پەيشەنبە كۈنى چېڭدۇدىكى بىر ھاۋا ئارمىيە سىناق بازىسىدا 20 مىنۇت ئەتراپىدا ئۇچۇرغان.
«خىتاي خەۋەرلەر گېزىتى»نىڭ جۈمە كۈنىدىكى خەۋەرىگە قارىغاندا ، مەزكۇر راداردا كۆرۈنمەس ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان سىنىقى نەتىجىلىك بولغان. خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: بۇ نەتىجىلىك سىناق دۆلىتىمىزنىڭ غەرب ئەللىرى بىلەن بولغان ھاۋا مۇداپىئەسى كۈچىدىكى پەرقلەرنى تارايتتى.
خىتاينىڭ ياپونىيە بىلەن بولغان دېڭىز تەۋەلىكى دەتالىشى بارغانچە كۈچەيگەن مەزگىلدە بۇ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى سىناق قىلىشى دىققەتنى چەكمەكتە.
بۇ يىل سېنتەبىردە ياپونىيە ھاۋا ئارمىيە دائىرىلىرى ئۆز دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرگەن بىر ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى بايقىغان. ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە ۋازارىتى ئەينى چاغدا ئەگەر ياپونىيە ھاۋا تەۋەلىكىگە ھەرقانداق يوچۇن ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان كىرگەنلىكى بايقالسا ئېتىۋېتىش بۇيرۇقى بەرگەن.
كېيىن خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايات ئېلان قىلىپ ئەگەر خىتاينىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرى ئېتىپ چۈشۈرۈلسە بۇنىڭ خىتايغا قارىشى ئۇرۇش ئېلان قىلىش ھېسابلىنىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن.