روسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشى خەلقئارانىڭ كۈچلۈك ئەيىبلىشىگە دۇچ كېلىۋاتقاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق بۇ يولسىزلىقنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى يەنە بىر مەيدان زور غۇلغۇلىغا سەۋەب بولۇشقا باشلىدى.
CNN ئاگېنتلىقىنىڭ 1-مارتتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇكرائىنا تەۋەسىدە تىجارەت، خىزمەت ياكى ئوقۇش سەۋەبلىرى بىلەن تۇرۇۋاتقان ئالتە مىڭچە خىتاي پۇقراسى پۇتى كۆيگەن توخۇدەك تىپىرلاپ قالماقتا ئىكەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇرۇش ئوتىغا پېتىپ قالغان ئۇكرائىنادىكى خىتاي پۇقرالىرىغا «يوللارنىڭ بىخەتەرلىكى ئەمەلگە ئاشقۇچە بىخەتەر ئورۇندا ساقلاپ تۇرۇش» نى بۇيرۇغان. يىگىرمە نەچچە يىلدىن بېرى ئۇكرائىنادا تۇرىۋاتقان خىتاي پۇقراسى سۇن گۇاڭ بۇ ھەقتە مۇخبىرلارغا سۆز قىلىپ «ھازىر خىتايچە چىراينىڭ ئۆزى بۇ جايدا روسىيەنى قوللىغۇچى، دېگەن مەنانى بېرىدۇ. شۇڭا ئۇكرائىنا ھازىر خىتايلار ئۈچۈن بەك خەتەرلىك بىر جاي بولۇپ قالدى» دېگەن.
«نەزەر ۋاقتى» گېزىتىنىڭ 1-مارتتىكى ئوبزور ماقالىسىدا بولسا روسىيەنىڭ پۈتۈن دۇنياغا دۈشمەن بولۇپ قېلىشىدەك رېئاللىق نۆۋەتتە «خىتاي ھۆكۈمىتىنى بەزى نازۇك شەكىللەر ئارقىلىق بۇ قاينامغا كىرىپ قېلىشتىن ساقلىنىشقا ئۈندىمەكتە» دەپ تەسۋىرلەنگەن. ئۇلار بۇنىڭغا مىسال قاتارىدا خىتاي پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسىنىڭ روسىيە ئىقتىسادىي ساھەسىدىن ئۆزلىرىنى تارتىۋاتقانلىقىنى ۋە بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ موسكۋا بىلەن بولغان ئالاقىدا ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىش كۆرۈۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان. ئوبزوردا ئېيتىلىشىچە، ناۋادا خىتاينىڭ روسىيەنى قوللىشى داۋام قىلىۋەرسە خىتاينىڭ غەرپ بازىرى ۋە ئامېرىكا دوللىرى مەركەز قىلىنغان خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسىدىكى ئورنى ئېغىر چەكلىمىگە ئۇچراش ئېھتىمالى بار ئىكەن. بۇ نۇقتىنى خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ ناھايىتى ياخشى چۈشىنىدىكەن. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن بۇ ھەقتە مۇخبىرلارغا سۆز قىلىپ «خىتاي بىلەن روسىيە ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلەردۇر. ئۇلار ھەرگىزمۇ ئىتتىپاقداش ئەمەس» دېگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ روسىيە ھۆكۈمىتىنى بەك قاتتىقمۇ ئەيىبلىمەسلىك، بەك كۈچلۈك شەكىلدىمۇ قوللاپ كەتمەسلىكتەك مۇئامىلىگە يۆتكىلىشىنى بەزىلەر خەلقئارانىڭ ئۇكرائىناغا بىۋاستە ھەربىي ياردەم بېرىشنى باشلىۋەتكەنلىكى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك، دەپ قارىماقتا ئىكەن. بولۇپمۇ ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېننىڭ 350 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق ئىككىنچى تۈركۈم ھەربىي قوراللار ياردىمىگە ئىمزا قويۇشى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۇكرائىنانى 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق ھەربىي قورال بىلەن تەمىن ئېتىشى، ئەنگليە، فرانسىيە، كانادا، گېرمانىيە، گوللاندىيە قاتارلىق ئون نەچچە ياۋروپا دۆلىتىنىڭ بىۋاستە ھەربىي ياردەم بېرىشنى باشلىۋەتكەنلىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىلمىشلىرى بىلەن روشەن سېلىشتۇرما ھاسىل قىلماقتا ئىكەن.