«ۋال سىترېت ژۇرنىلى» گېزىتىنىڭ 18-دېكابىردىكى ئوبزورىدا ئېيتىلىشىچە، خىتايدىن كېلىۋاتقان تور ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنىڭ بىرى قاتارىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتايدا ئىشلەنگەن روتېر (router) لارنى «قارا تىزىملىك» كە ئېلىشنى جىددىي ئويلىشىشقا ئۆتكەن.
ئوبزوردا ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا ئىستېمالچىلىرىنىڭ ئۆيلىرىدىكى تور مۇلازىمىتىگە ئىشلىتىۋاتقان روتېرلارنىڭ 65 پىرسەنتى خىتايدا ئىشلەنگەن «TP-Link» روتېرلىرى بولۇپ، بۇلارنى كۆپىنچە كىشىلەر «ئامازون» تورىدىن سېتىۋالغان. روتېر ئادەتتە تور ئۇچۇرلىرىنى ئائىلىلەردىكى كومپيۇتېر، تېلېفون ۋە باشقا ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەرگە يوللاپ بېرىشتىكى «مەركىزىي ھالقا» بولۇپ، ئۆي ئىگىسى تور ئارقىلىق كۆرگەن ھەرقانداق ئۇچۇر روتېردىن ئۆتىدۇ. نۆۋەتتە شەخسلەردىن باشقا ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى قاتارلىق ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭمۇ مۇشۇ خىل روتېرلارنى ئىشلىتىۋاتقانلىقى مەلۇم.
ئوبزوردا كۆرسىتىلىشىچە سودا مىنىستىرلىقى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ۋە ئەدلىيە مىنىستىرلىقى بۇ مەسىلىنى تەكشۈرۈشكە ئادەم كۈچى ئاجراتقان. ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «TP-Link» روتېرلىرى 2025-يىلى «قارا تىزىملىك» كە ئېلىنىشى مۇمكىن ئىكەن. «مىكروسوفت» (Microsoft) شىركىتى ئۆتكەن ئايدا ئېلان قىلغان دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، خىتاي خاككېرلىرى تور ھۇجۇملىرىدا ھەرقاچان مۇشۇ خىلدىكى روتېرلاردىن پايدىلىنىدىغان بولۇپ، غەرب دۇنياسىدىكى كۆپلىگەن ئاقىللار ئامبىرى، ھۆكۈمەت ئىشخانىلىرى ۋە نىشانلىق شەخسلەر ئەنە شۇ خىلدىكى خاككېرلارنىڭ ھۇجۇم نىشانى بولۇپ كەلگەن.
ناۋادا «TP-Link» روتېرلىرىنى مەنئى قىلىش بۇيرۇقى رېئاللىققا ئايلانسا، بۇ ھال 2019-يىلى ترامپ ھۆكۈمىتى «خۇاۋېي شىركىتى» نىڭ مەھسۇلاتلىرىنى مەنئى قىلىشتىن بۇيانقى «خىتاي تېلېگراف مەھسۇلاتلىرىنى ئەڭ زور دەرىجىدە مەنئى قىلىش» ھادىسىسى بولۇپ قالىدىكەن. ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىشتىن باش تارتقان ھەمدە بۇنى «ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي شىركەتلىرىنى باش كۆتۈرگۈزمەسلىك تاكتىكىسى» دېگەن.