مۇخبىرلارنى قوغداش جەمئىيىتى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى پائۇل مۇنېيغا ۋىزا بېرىشنى رەت قىلغانلىقىنى تەنقىد قىلدى.
پائۇل مۇنېي ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان خىتايدا مۇخبىرلىق قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ نۆۋەت ئۇ رويتېرس ئاگېنتلىقى بىلەن توختام تۈزگەندىن كېيىن خىتايدا تۇرۇش ۋىزىسىنى ئۇزارتىش ئۈچۈن ئىلتىماس قىلغان. دائىرىلەر ئۇنى ئۇزۇن مەزگىل ساقلاتقاندىن كېيىن يېقىندا خىتايدىكى بەزى ئالاقىدار قانۇن - ماددىلارغا ئاساسەن ئۇنىڭغا ۋىزا بېرىلمەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. ئەمما ئۇ ئۇقتۇرۇشتا قانۇن - ماددىلارنىڭ ئېنىق شەرھلىمىگەن.
پائۇل مۇنېي ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يېقىنقى 3- 4 يىلدىن بۇيان چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ ۋىزىسىنى يېڭىلاشنى قاتتىق چىڭىتىۋەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ بۇ نۆۋەت ۋىزىغا ئىلتىماس قىلغاندا يۈز تۇرانە كۆرۈشۈشكە چاقىرتىلغان. تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى ئالاقىدار خادىم ئۇنىڭدىن تۈرمىدىكى نوبېل ساھىبى يازغۇچى ليۇ شياۋبو مەسىلىسىگە، چېن گۇاڭچېڭغا ۋە تىبەت قاتارلىق خىتاينىڭ سەزگۈر مەسىلىلىرىگە قانداق قارايدىغانلىقىنى سورىغان.
پائۇل مۇنىي باياناتىدا، خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ يېقىندىن بۇيان خىتايدىكى ۋەزىيەتتىن قاتتىق جىددىيلىشىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا بارلىق كۈچىنى ئاخبارات - ئۇچۇرنى قامال قىلىشقا قارىتىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.
پائۇل مۇنېي خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىلىرى ھەققىدىمۇ نۇرغۇن ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان ئىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى بۇندىن ئىلگىرى «ئەلجەزىرە» قانىلىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى مىلىسا چېننىڭ ۋىزىسىنى ئۇزارتىپ بېرىشنى رەت قىلىپ، ئۇنى خىتايدىن چىقىرىۋەتكەن.