خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ يېقىندا رۇسىيەگە زىيارەتكە بارىدىغانلىقى يېقىندىن بۇيان ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ مۇھىم تېمىسىغا ئايلاندى. يەنە كېلىپ بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشى باشلانغانلىقىغا بىر يىل بولغان مەزگىلگە توغرا كېلىشى بۇ جەھەتتە كۆپلىگەن پىكىرلەرگە سورۇن ھازىرلىدى.
«جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى» گېزىتىنىڭ 31-يانۋاردىكى ئوبزورىدا ئېيتىلىشىچە، شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى موسكۋا سەپىرى ئاساسلىقى رۇسىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئۇكرائىنا ئۇرۇشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بىر قىسىم «ھاڭ» لارنى يېپىش، شۇنىڭدەك ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىساد ۋە سودا ئالاقىسىنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغان. ئەمما ھەر ئىككى تەرەپ مۇشۇ قېتىملىق زىيارەت ئارقىلىقلا ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى كۆپلىگەن مەسىلىلەرنىڭ ھەل بولۇپ كېتىشىگە ئىشەنچى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، رۇسىيە تەرەپ بۇ ھەقتە ئىنكاس بىلدۈرۈپ: «شى جىنپىڭنىڭ موسكۋاغا كېلىشى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدىكى مۇھىم ۋەقەلەردىن ھېسابلىنىدۇ. خىتاي ھەرقاچان بىزنىڭ يېقىن دوستىمىز» دېگەن. ئەمما شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى خىتاينىڭ تاشقى مۇناسىۋەت ئىشلىرىدىكى بىر قېتىملىق نامايەندە، دەپ قارىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ قېتىمقى زىيارەتتە خىتاينىڭ رۇسىيە بىلەن ياكى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۇنياسى بىلەن بىر سەپتە تۇرۇشى يەنە بىر قېتىم ئايدىڭ بولىدىكەن.
بېيجىڭ شەھىرىدىكى سىياسىي ئانالىزچى دىڭ گاڭ بۇ ھەقتە «جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى» گېزىتىگە سۆز قىلىپ: «خىتاينىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىكى مەۋقەسى ياۋروپانىڭ خىتاي ھەققىدىكى قارىشىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىۋەتتى. بۇ مەنىدىن ئالغاندا رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشى خىتايغا سەلبىي تەسىر كۆرسەتتى» دېگەن. خىتاينىڭ رۇسىيەنى «تاجاۋۇزچى» دەپ ئەيىبلەشنى ھەمدە غەرب دۇنياسى ئېلان قىلغان ئىقتىسادىي جازا تەدبىرلىرىگە ئاۋاز قوشۇشنى رەت قىلىشىمۇ خىتاينى خەلقئارادا تەنقىدكە مۇپتىلا قىلغان. شۇڭا بۇ قېتىملىق سەپەرنىڭ قانداق نەتىجىلەرگە ئېرىشىشى ئىزچىل ھەرساھەنىڭ دىققىتىدە بولۇپ كەلمەكتە.