ئامېرىكا خىتاينىڭ رۇسىيەنىڭ جازادىن قېچىشىغا ياردەم قىلسا دۇچ كېلىدىغان ئاقىۋىتىنى ئاگاھلاندۇردى
2022.03.14
ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى جەك سوللىۋان، ئەگەر خىتاي رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قوراللىق تاجاۋۇز قىلىشىغا قارىتا يۈرگۈزۈلگەن جازالاش تەدبىرلىرىدىن قېچىشىغا ياردەم قىلسا، «مۇقەررەر» ئاقىۋەتكە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىرقانچە ئامېرىكا ئەمەلدارى رۇسىيەنىڭ 24-فېۋرال ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلغاندىن كېيىن خىتايدىن قورال-ياراغ ياردەم قىلىشنى سورىغانلىقى، بۇ، ئاقساراينىڭ خىتاي غەربنىڭ ئۇكرائىناغا ياردەم قىلىپ، ئۇنىڭ ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىشىغا ياردەم بېرىش تىرىشچانلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشى مۇمكىن، دېگەن ئەندىشىسىنى قوزغىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
جەك سوللىۋان 13-مارت ئامېرىكا خەۋەرلەر تورى-CNN نىڭ زىيارىتىنىڭ قوبۇل قىلغاندا خىتاينىڭ رۇسىيەنى ئىقتىسادىي ۋە ماددىي جەھەتتىن قانچىلىك رەۋىشتە قوللاۋاتقانلىقىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقى، ئەگەر بۇنداق ئىش يۈز بەرسە، بۇنىڭ ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. جەك سوللىۋان مۇنداق دېگەن: «بىز بېيجىڭ بىلەن بىۋاسىتە ۋە خۇسۇسى رەۋىشتە ئالاقىلىشىۋاتىمىز. ئەگەر كەڭ كۆلەملىك جازادىن قېچىش ھەرىكىتى بولسا ياكى خىتاي رۇسىيەنىڭ بۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇشىغا ياردەم قىلسا بۇنىڭ بىر ئاقىۋىتى بولىدىغانلىقى مۇقەررەر». جەك سوللىۋان يەنە: «بىز دۇنيانىڭ ھەرقانداق جايىدىكى ھەرقانداق دۆلەتتىن رۇسىيەنىڭ بۇ ئىقتىسادىي جازادىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن ھاياتلىق يولىغا ئېرىشىشىگە يول قويمايمىز» دېگەن.
جەك سوللىۋان بۇ سۆزلەرنى 14-مارت كۈنى خىتاينىڭ تاشقى ئىشلارغا مەسئۇل سىياسىي بيۇرو ئەزاسى ياڭ جيېچى بىلەن ئىتالىيە پايتەختى رىمدا ئۇچرىشىشتىن بىر كۈن ئاۋۋال ئېيتقان.
رۇسىيەنىڭ خىتايدىن قورال-ياراغ ياردەم قىلىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى تۇنجى قېتىم «مالىيە ۋاقتى» گېزىتى خەۋەر قىلغان. لېكىن رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتچىسى «ئۆزىنىڭ بۇنداق بىر خەۋەرنى ئاڭلاپ باقمىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. جەك سوللىۋاننىڭ ئېيتىشىچە، ۋاشىنگتون خىتاينىڭ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قارىتىلغان پىلانىدىن خەۋەردار ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدىكەن.