خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خىتاينىڭ يەرشارى بىخەتەرلىكىنى قوغداشتا رۇسىيە بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتقان

سانائەتلەشكەن 7 دۆلەت رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قاراتقان قوراللىق ھۇجۇمىنى جازالاشتا داۋاملىق بىردەك ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان بىر ۋاقىتتا، خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لى شاڭفۇ 16-ئاپرېل رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن بىلەن كۆرۈشۈپ، خىتاينىڭ يەرشارى بىخەتەرلىكىنى قوغداشتا رۇسىيە بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتقان. خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىنىڭ زىيارىتى يېقىندا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ موسكۋادا زىيارەتتە بولۇپ، رۇسىيە پرېزىدېنتىغا خىتاي بىلەن رۇسىيە بىرلەشسە، ئۆزلىرىنىڭ دۇنيادا «يۈز يىلدىن بېرى كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر ئۆزگىرىشكە يېتەكچىلىك قىلىدىغانلىقى» نى، رۇسىيە پرېزىدېنتىنىڭمۇ ئۇنىڭغا قوشۇلىدىغانلىقىنى ئېيتىشىنىڭ ئارقىسىدىن ئېلىپ بېرىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، لى شاڭفۇ رۇسىيە پرېزىدېنتى بىلەن كۆرۈشكەندە، ئۇنىڭغا شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلار ئ‍ۆتكەن ئ‍ايدا كۆرۈشكەندە ھاسىل قىلغان چۈشىنىشنى «تولۇق ئىجرا قىلىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. لېكىن شى جىنپىڭ بىلەن پۇتىن ھاسىل قىلغان بىر «ئ‍ورتاق چۈشىنىش» نىڭ نېمە ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنمىغان. «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ 16-ئاپرېل بەرگەن خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، لى شاڭفۇنىڭ موسكۋا زىيارىتىدە ئىپادىسىنى تاپقان «يولداشلىق» مۇناسىۋىتى، خىتاينىڭ رۇسىيەنى «ئەجەللىك قوراللار» بىلەن تەمىنلەشكە تەييارلىق قىلىۋاتقان بولۇشى مۈمكىنلىكىگە دائىر خەلقئارالىق ئەندىشىلەرنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن. ئامېرىكانىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لىندا توماس گرېنفېلد يېقىندا خىتاينى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر خىتاي رۇسىيەنى «ھالقىلىق ياردەم» بىلەن تەمىنلىسە، «قىزىل سىزىق» تىن ئاتلاپ ئۆتكەن ھېسابلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، لى شاڭفۇ پۇتىن بىلەن كۆرۈشكەندە يەنە بېيجىڭنىڭ «ئىككى ئارمىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، كۆپ تەرەپلىك ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىقنى ئالغا سۈرۈپ، يەر شارى ۋە رايون بىخەتەرلىكى ھەم مۇقىملىقىنى قوغداشقا يېڭى تۆھپە قوشۇشنى خالايدىغانلىقى» نى ئېيتقان. لى شاڭفۇنىڭ رۇسىيە زىيارىتى 4 كۈن داۋاملىشىدىغان بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ ئۆتكەن ئايدا خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا تەيىنلەنگەندىن بېرىقى تۇنجى چەتئەل زىيارىتى ھېسابلىنىدۇ.