خىتاي بىلەن رۇسىيە «شياڭشەن بىخەتەرلىك مۇنبىرى» يىغىنىدا ئامېرىكانى نىشانغا ئالغان

خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ ھەربىي رەھبەرلىرى 30-ئ‍ۆكتەبىر بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن «شياڭشەن بىخەتەرلىك مۇنبىرى» نىڭ يىغىنىدا بىردەك ئامېرىكانى تەنقىد نىشانىغا ئالغان. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يىغىندا خىتاينىڭ ھەربىي رەھبىرى ئامېرىكا بىلەن مۇداپىئە ئالاقىسىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى قەيت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ يەنىلا رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى شويگو بىلەن بىرلىكتە ئامېرىكانى تەنقىد قىلىشى دىققەت قوزغىغان. ئامېرىكا-خىتاي ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ قەرەللىك ئالاقىسىنىڭ ئاقساپ قېلىشى، ۋاشىنگتوندا ئىككى دۆلەتنىڭ جەنۇبىي دېڭىز ياكى تەيۋەن ئەتراپىدا تاسادىپىي توقۇنۇش يۈز بېرىش ئەندىشىسى يارىتىپ كەلگەن.

خىتاينىڭ بۇ نۆۋەتلىك «شياڭشەن بىخەتەرلىك مۇنبىرى» يىغىنى، سابىق خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لى شاڭفۇ يېقىندا ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇپ ئارقىدىنلا ئۆتكۈزۈلگەن.

لى شاڭفۇ بۇنىڭدىن ئىككى ئاي ئاۋۋال تۇيۇقسىز غايىب بولغان. رويتېرس ئاگېنتلىقى ئۆتكەن ئايدا لى شاڭفۇنىڭ «پارىخورلۇق» سەۋەبىدىن تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلغانىدى. بۇ يىغىنغا ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى سىنتىيا زەنتى كارراسنىو باشچىلىقىدىكى بىر ھەربىي ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتكەن. ئامېرىكا ئىلگىرى لى شاڭفۇغا ئېمبارگو يۈرگۈزگەنلىكتىن خىتاي ئامېرىكا بىلەن بولغان ھەربىي ئالماشتۇرۇشنى توختاتقانىدى. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يىغىندا رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى شويگونىڭ غەرب ئەللىرىنىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغا ئارىلىشىشى «زور خەۋپ» پەيدا قىلغانلىقى، بۇنىڭ يادرو دۆلەتلىرى ئارىسىدا بىۋاسىتە ھەربىي توقۇنۇش يۈز بېرىش تەھدىتى پەيدا قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاي رۇسىيە مۇناسىۋىتىنى «ئۈلگىلىك» دەپ ماختىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ قەيت قىلىشىچە، يىغىندا خىتاي مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ يوۋشيا، ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنى ئىما قىلىپ، «بەزى دۆلەتلەر» «خىتاي ھۆكۈمىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ» دەپ ئەيىبلىگەن. ئۇ «ئامېرىكا بىلەن ھەربىي ئالاقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالايدىغانلىقى» نى ئېيتقان بولسىمۇ، ئەمما «رۇسىيە بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ۋە ماسلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرىدىغانلىقى» نى ئەسكەرتكەن.